تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇشال دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىناقلىق ۋە گۈزەللىككە تولدى

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئارتىسلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. □ خەن جۈن فوتوسى

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پوسكام ناھىيەسىنىڭ پوسكام يېزىسى قۇتچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، مۇڭدىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى. □جاڭ يۈن فوتوسى

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى كوئېنلۇن ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتى تارىم تىرانسپورت شۆبە شىركىتىنىڭ كۇچا شەھىرى تارىم بازىرى ياڭچاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. □يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى سانجى شەھىرىدىكى خۇيجيا شىدەي تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدا تاۋار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى. □لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ گەنخېزى بازىرىدىكى مەيداندا، ھەر مىللەت ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. □لى رېنشى فوتوسى

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاھالىلەر چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ لياڭفەنچاڭ كۆكتات بازىسىدا كىچىك شوخلا ئۈزمەكتە. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاھالە يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى. □خۇا يەنمىڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

خۇشال ۋە ئىناق كەيپىياتقا تولغان قۇربان ھېيتتا، قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، ھاۋا ئوچۇق ھەم سالقىن ئىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، ھەممەيلەن ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئىناق ۋە گۈزەل تۇرمۇشنى تولۇق نامايان قىلدى.

بايرامدا، تۇرمۇش پۇرىقى ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقنى قاپلايدۇ. قىزىرىپ پىشقان پارقىراق ساڭزىلارنىڭ مەززىلىك ھىدى تارىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى خۇشال دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئوتتەك قىزغىن كەيپىيات نامايان بولىدۇ؛ سودا ساراي، تاللا بازارلىرى ئادەمگە لىق تولىدۇ، بۇ، كىشىلەرنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىدۇ.

بايرام خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىدىغان پەيت. شىنجاڭدا خۇشال پەيتلەردە ناخشا - ئۇسسۇل بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ كىشىلەرنىڭ خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، خۇشال ناخشا ئېيتىپ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىشى ئىناقلىق، گۈزەللىكنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى مەنزىرە؛ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار توغرىسىدا بىرلىكتە پاراڭلىشىپ، بىر - بىرى بىلەن كۆڭۈل سۆزلىرىنى دېيىشىدۇ. غەمخورلۇق ۋە كۆيۈنۈش رىشتى قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا كىشىلەر قەلبىنى زىچ باغلايدۇ.

بايرامدا، خاتىرجەم ۋە تىنچ - ئازادە كەيپىيات نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەتتىكى كۈنلەردە شەھەردىكى شاۋقۇن - سۈرەن ئىچىدە ئالدىراش يۈرىدىغان كىشىلەر شەھەردىن چىقىپ، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، يېزىلاردا كەڭ تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مېۋە، كۆكتات ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ مۇزېيلارغا كىرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارئەتىقىلەردىن مەدەنىيەتنىڭ كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، يىللار تومۇرىنى ھېس قىلىدۇ.

گۈللەنگەن، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز. ئىللىق چوڭ ئائىلىدە، ھەربىر بايرام ئورتاق خۇشاللىققا چۆمىدىغان پەيت بولۇپ، نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.