− ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسى ئىسلام دىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە، ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسى ئىسلام دىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ۋەكىللەر ئۆمىكى دىنىي سورۇن، ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مۇزېيلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تۇرمۇشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى ھەم تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، بۇ تۇپراقتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە كەلدى. دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان سورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەرسلەر دىن بىلىملىرى، مەدەنىيەت تارىخى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم دىن ئوقۇتۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ھىندونېزىيەنىڭ مېدان شەھىرى ئامىر دىنىي شۆيۈەنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىرۇددىن بىن مۇھەممەد سارىي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا مول دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى جۇڭگونىڭ دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەپتۇ».
ئارقىدىن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە بېرىپ، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى ۋە دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ھىندونېزىيە مېدان شەھىرى ئارۋاسىللا داشۆسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد جامىر مۇنداق بىلدۈردى: «بىز شىنجاڭنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ئىلمىي ۋە سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا دىنىي زاتلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق».
6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ھىندونېزىيە مېدان شەھىرى پەنچابۇدى تەرەققىيات داشۆسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇل رازاق ناسۇديەن مەسچىتتىكى نەپىس قۇرۇلۇش بېزەكلىرى ۋە تەرتىپلىك دىنىي پائالىيەتنى تەرىپلەپ مۇنداق بىلدۈردى: «ئوخشاش بولمىغان مىللەت كىشىلىرى ئىناق بىللە ئۆتىدىكەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىكەن، بۇ خىل مەنزىرە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىپتۇ».
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سەيلە قىلىش جەريانىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خاس تاۋارلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن سودا كەيپىياتى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا چوڭ بازار سودا مەركىزى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك ئىكەن.
6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. مۇزېيدىكى مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ماتېرىياللار شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى ھەم ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۇ تۇپراقتا ئورتاق ياراتقان مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇراتتى. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى ھەم سوئال سوراپ پىكىر ئالماشتۇردى.
«جۇڭگو شىنجاڭدا، بىز خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىناق، گۈزەل ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كۆردۇق، ئۇلار بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ. بۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغان جاي ئىكەن، بۇ، بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلىرىدە ئېيتىلغانغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن» دېدى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ھىندونېزىيە شىمالىي سۇماترا دۆلەتلىك ئىسلام داشۆسىنىڭ مۇدىرى نۇرھايات.
بۇ قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكى نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى ئاشۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ھىندونېزىيەگە قايتقاندىن كېيىن، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز، ھېس قىلغانلىرىمىز ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت دىنىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشتە پائال رول ئوينايمىز.