مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى
شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي باغچىسى، نۇقتىلىق كارخانا، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا - ئەشيا ئوبوروتى، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى ھەم تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، پۇل مۇئامىلە سېلىنمىسى، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، دىققەتنى تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەمكارلىق يېڭى يولى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.
لياڭ جېنيىڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى گۈللەپ ياشنىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
لياڭ جېنيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ھەمكارلىقىنىڭ كۆپ ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدۇق. كەلگۈسىدە شياڭگاڭنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇدۇللىشىپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شياڭگاڭنىڭ خەلقئارالاشقان سۇپا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋە، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ شياڭگاڭنىڭ ئىلغار مۇلازىمەت ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا ئوبرازىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىشكە جەلپ قىلىش كېرەك؛ شياڭگاڭ ئۆلچەم ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزىنىڭ كەسپىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، رايون يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ شياڭگاڭ ئەركىن سودا پورتى ھەم دۇنيا تىجارەت تورى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دىققەتنى مەدەنىيەت - ساياھەت، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا داڭلىق ماركا يارىتىشى، مەملىكەت سىرتىدا بازار كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، دائىملىق، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى يەنىمۇ دەل جايىدا تېپىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ شياڭگاڭغا كۆپرەك بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ۋە سودا مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە، شىنجاڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان بولۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بۇنىڭدىن كېيىن شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ياخشى «ئادەتتىن تاشقىرى ئالاقىلەشكۈچى» بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ شياڭگاڭ ھەم خەلقئارا بازارغا كىرىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئىككى جاينىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ھەسەنجان ئەخمەت ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.