تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تىيانشان بۇلبۇلى» «ئازاد زامان»غا مەدھىيە ئوقۇدى

ساۋما قىلىپ سىننى كۆرۈڭ

■ئىستون سۆزى

«ئازاد زامان»نىڭ سەھەردىكى تاڭ نۇرىنى ئويغىتىشىدىن «چېگرا رايوننىڭ ھەممىلا يېرى جياڭنەندىن قېلىشمايدۇ»دىكى چوڭقۇر مەدھىيەگىچە، يەنە «ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»تىكى دەۋر كۈچلۈك ساداسىغىچە... يىللار ناخشىغا ئوخشايدۇ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياڭرىغان تەسىرلىك مېلودىيە دەل دەۋرنىڭ ئەڭ ھەقىقىي جاراڭلىق ساداسى ۋە ئىزاھاتى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «ناخشا ساداسى ياڭرىغان 70 يىل» يۇغۇرما تاراتقۇ سەھىپىسىنى ئالاھىدە تەسىس قىلدى، بۇ سەھىپە نوتىلارنى زامان - ماكاندىن ھالقىش، مېلودىيەنى ئۇلۇغۋار مۇساپىنى بايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىلاسسىك ناخشىلارنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىش داۋامىدا قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان يىللارنى ئەسلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە يېڭى قىياپەتكە كىرگەن دەۋر سىمفونىيەسىگە قۇلاق سالىدۇ.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ ۋېي

بۇ ئازاد زامان.

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا، ئون ياشلىق ئۇيغۇر قىز پاشا ئىشان قوشنىلىرى تەرىپىدىن «تىيانشان بۇلبۇلى» دەپ تەرىپلەنگەن سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئەمدىلا ئىجاد قىلىنغان «ئازاد زامان» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى.

ناخشا ساداسى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، يېپيېڭى بىر ئەسىر بىلەن چوڭقۇر ھېسسىياتتا قۇچاقلاشتى − «ئۆتتۇق قانچە ئۆتكەلدىن ئاشتۇق داۋان، تىز پۈكمەي جۇدۇنلارغا ماڭدۇق راۋان»، شائىر تېيىپجان ئېلىيۇف بىلەن كومپوزىتور ھۈسەنجان ئازاد زاماندىكى جۇشقۇن ھېسسىياتى بىلەن يېزىپ چىققان مېلودىيە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاشا ئىشاننىڭ ھاياتىدىكى ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان ئىزناغا ئايلىنىپ، ئۇزاق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا 70 نەچچە يىلدىن ئارتۇق ئۆركەشلىدى.

«پۈركەندى ۋەتەن نۇرغا كەتتى تۇمان، يوقسۇلغا قۇچاق ئاچتى ئازاد زامان.» ناخشا تېكىستىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشەندىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ھاياتلىققا تەلپۈنۈشتەك قەلب ساداسى خۇددى شېئىر ۋە سۈرەتتەك تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پاشا ئىشان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئويۇنىمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەر قېتىم <ئازاد زامان> دېگەن ناخشىنى ئېيتقىنىمدا، قەلب قاتلىمىمدىكى ھېسسىيات ئۇرغۇپ چىقىدۇ.» بۇ چوڭقۇر مۇھەببەت ئۇنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن كەلگەن، شۇنداقلا ناخشىدىكى روھقا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

«ئازاد زامان» خۇددى بىر جۈپ قاناتقا ئوخشاش، پاشا ئىشاننىڭ ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. 1953 - يىلى 12 - ئايدا، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن كىچىك ئارتىسى پاشا ئىشان چاۋشيەنگە بېرىپ پىدائىي قىسىمدىن ھال سورىغاندا بۇ ناخشىنى ئېيتتى؛ 1955 - يىلى، پولشانىڭ ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 5 - نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تىنچلىق، دوستلۇق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمى سەھنىسىدە، ئۇ بۇ ناخشىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئازادلىقتىن كېيىنكى مەردانىلىقىنى ئىپادىلەپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر خەلقئارا شەرەپكە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى؛ 1957 - يىلى جوۋ ئېنلەي زۇڭلىغا ئەگىشىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا زىيارەتكە چىققاندا، سەپەر جەريانىدا ئۇ ناخشا ئارقىلىق ۋاكالىتەن سۆزلەپ، ناخشىغا مۇجەسسەملەنگەن شىنجاڭ جاسارىتىنى دۇنياغا ياڭراتتى.

«مەن كەمبەغەل دېھقاننىڭ قىزى، ئازاد زاماندا ئۆسۈپ يېتىلدىم، ھەربىر قېتىم ناخشا ئېيتقىنىمدا، قەلبىمدىكى ھېسسىيات تەبىئىي ئۇرغۇپ چىقىدۇ. پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى، ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېدى 2021 - يىلى پاشا ئىشان «مەڭگۈ شىنجاڭلىق بولۇشتىن باش تارتماسلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا. «تىز پۈكمەي جۇدۇنلارغا ماڭدۇق راۋان»، دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ قىز قىزىل بايراقنىڭ شانلىق نۇرىدا سەنئەت يولىغا قەدەم قويۇپ، ھەر مىللەت ئامما قىزغىن سۆيىدىغان خەلق سەنئەتكارىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ شەخسىي تەقدىرى زاماننى كۈيلەيدىغان بۇ ناخشىسى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ، شىنجاڭنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، نامراتلىقتىن گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقىدەك ئەڭ تەسىرلىك نوتا ئىزاھاتىغا ئايلاندى.

سەنئەت ھاياتى مەڭگۈ ياشنايدۇ. 2015 - يىلى «تىيانشان بۇلبۇلى − پاشا ئىشان» ناملىق يۈرۈشلۈك ئۈن - سىن بۇيۇمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى؛ 2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، «سۆيۈملۈك پارتىيەگە مەدھىيە» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىدا، 80 نەچچە ياشلىق پاشا ئىشان يەنە بىر قېتىم «ئازاد زامان» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى؛ B بېكەت سۇپىسىدا، ياشلار ئۇنىڭ ئويۇن قويغان سىنىنى قىزىق نۇقتىغا چىقاردى، ئېكران «كىلاسسىك ئەسەر مەڭگۈلۈك بولىدۇ» دەپ قالدۇرۇلغان سۆزلەر بىلەن تولدى؛ 2024 - يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېچىلىكى سەھنىسىدە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئارتىسلار چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن «ئازاد زامان»نى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى؛ بۇ يىل 5 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى، رېژىسسورلار گۇرۇپپىسى «ئازاد زامان»نى يەنە بىر قېتىم ئويۇن نامزات نومۇرى قىلىپ بېكىتتى.

پاشا ئىشاننىڭ ناخشىسى ھەرگىزمۇ كونىراپ قالمىدى، پەقەت يېڭى دەۋردىكى ناخشىچىلارغا تاپشۇرۇلدى. ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغانلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە ۋارىسلىق قىلىنىپ، «ئازاد زامان» بۇرۇنلا ناخشىنىڭ ئۆزىدىن ھالقىغان ئەھمىيەتكە ئىگە − ئۇ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېسسىي ئىزاھاتى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ۋەتەنگە تەلپۈنىدىغان، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كوللېكتىپ قەلب ساداسى.

«پارتىيە ۋە ۋەتەن مېنى تەربىيەلىدى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى، مەن ئۆمۈر بويى پارتىيەنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىمەن، مەڭگۈ ۋەتەن ۋە خەلقنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىمەن.» پاشا ئىشاننىڭ قەسىمى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى، ناخشىسى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. 70 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بۇ مېلودىيە «پۈركەندى ۋەتەن نۇرغا، كەتتى تۇمان»دىكى تاڭ شەپىقىغىچە، ئىزچىل تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بۈگۈنكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنى كۈيلەپ، ئاخىرىدا تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ يېپيېڭى دەۋرگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مەدھىيەسىنى مۇجەسسەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.