تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە ئۆي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، خۇش ھىد ئەتراپقا تارالدى

قۇربان ھېيتتا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلاردا تەييارلانغان «يۈز ئائىلە زىياپىتى» كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانغا سالىدۇ، كۆپچىلىك ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان تائاملارنى ئېلىپ چىقىپ ئۇزۇن ئۈستەلگە لىق تىزىدۇ، قوشنىلار، يۇرتداشلار چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ ھەمبەھرىلىنىدۇ، بىر ئۈستەلگە ھەر خىل مەززىلىك تەملەر جۇغلاندى، شۇنداقلا بۇ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى قەلبلەر مۇجەسسەملىنىش، مەنىۋى جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن تەسىرلىك مەنزىرە.

ھەممە ئۆي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، خۇش ھىد ئەتراپقا تارالدى. كۈلكە سادالىرى ياڭرىغان «يۈز ئائىلە زىياپىتى»دە، ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى نامايان قىلدى، پىششىق گۆش، فېنتاڭ، بوغۇرساق، داپەنجى... بىر تاماق ئۈستىلىگە تىزىلغان ئۆزگىچە تەملىك مەززىلىك تائاملار قوشنىلار ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى تارقاتماقتا، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان ھېسسىياتنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلماقتا.

چوڭ قازاندا بىللە تاماق يەيدىغانلار «يۇرتداش» دېيىلىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، بىر ئۈستەلدە بىللە تاماق يېيىش، ھەممە ئادەم بىر مەقسەتتە بولۇش ئەنئەنىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قان تومۇرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بىر ئۈستەلدە ئورتاق غىزالىنىدىغان «يۈز ئائىلە زىياپىتى» ماددىي جەھەتتىكى ئورتاق بەھرىلىنىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىللە ئولتۇراقلىشىپ بىللە ئۆگىنىش، بىللە قۇرۇپ بىللە بەھرىلىنىش، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئېچىشنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

بايرامدىكى قاينام - تاشقىنلىق ئاخىرلىشىدۇ، لېكىن بىر تاماق ئۈستىلىگە مۇجەسسەملەنگەن ھېسسىيات ئۇزاققىچە ساقلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، كۈلكە - چاقچاقلارغا تولغان «يۈز ئائىلە زىياپىتى»دە، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، قاچىسىغا تولدۇرۇلغىنى ئوخشاش بىر خىل تۇرمۇش تەمى، قەلبىگە لىق تولغىنى ئوخشاش بىر خىل قىزغىن ھېسسىيات − ئۇ بولسىمۇ بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىرلىكتە كۈچەپ شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش، ۋەتەننىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.