− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزدى
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، خوتەن تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونى ئادەتتىن تاشقىرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، ھەر مىللەت ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى. □شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قۇربان ھېيتنىڭ خۇشال - خۇراملىققا تولغان كەيپىياتى شىنجاڭ تۇپرىقىنى قاپلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلىدى.
مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بايرامدىكى ئەڭ يارقىن مەنزىرە لىنىيەسى بولۇپ قالدى. 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، «يىپەك يولىدىكى تاغ - دەريالار يىلتىزداش، قەلبداش، گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئورتاق ئارزۇغا بىرلىكتە ئاتلىنىش» تېمىسىدىكى مىڭ كىشىلىك مەيدان كۆرىكى پائالىيىتى كورلا خۇڭيەن مەيدانىدا باشلاندى، 1300دىن ئارتۇق ئامما ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، كۆپچىلىككە بىر مەيدان مەدەنىيەت جەلپكارلىقى كۈچلۈك بولغان كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلدى.
كورلا سەنىمى چاسا ئەترىتىنىڭ ئۇسسۇل قەدىمى لەرزان بولۇپ، ئارتىسلار مۇزىكىغا ئەگىشىپ مۈرىسىنى يېنىك تەۋرىتىپ، كۆڭلىكىنى يېنىك پۇلاڭلاتتى؛ ياڭگىر ئۇسسۇلى چاسا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قەدىمىنى شادىيانە رىتىمغا كەلتۈردى، رەڭدار شايىلار لەپىلدىدى؛ شىنجاڭ خۇائېر چاسا ئەترىتى ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى بىلەن ناخشا ساداسى مۇكەممەل بىرىككەنىدى؛ ساۋۇردىڭ چاسا ئەترىتى مەزمۇت، جانلىق ئۇسسۇل قەدىمى بىلەن ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى نامايان قىلدى؛ ئوقۇغۇچىلار چاسا ئەترىتى دۇمباق چېلىپ، سەبىي ھەم جانلىق ھالەتتە «بالىلىق قەلبىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ، دۇمباق سادايىمىز ياڭراق» نومۇرىنى ئورۇنلاپ پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ھەرقايسى ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى «مەركەزداش چەمبەر» ھاسىل قىلغاندا، نەق مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
«بۈگۈن مەيدان خۇددى شادلىق دېڭىزىغا ئوخشاپ قالدى، كۆپ خىل ئۇسلۇبتىكى ئويۇنلار ماڭا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى» دېدى كورلا شەھىرى ئاھالىسى لى خۇا ھاياجانلانغان ھالدا.
6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى فۇلې مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلەش، ئىتتىپاقلىقنى بىرلىكتە ئىزھار قىلىش» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىمۇ ئوخشاشلا قالتىس بولدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، جانلىق، لەرزان يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ئالدى بىلەن كەيپىياتنى جانلاندۇردى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا جۇشقۇن چاتما ناخشىلار ئارقا - ئارقىدىن ياڭرىدى، تۆۋەندە ئالقىش سادالىرى، چاۋاك ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى، شادلىق كەيپىياتى پۈتۈن مەھەللىنى قاپلىدى. فۇلې مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى بۇھەجەر ئەخمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «پائالىيەت ھەم قىزىپ كەتتى، ھەم بۇ ئارقىلىق قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
لوپ ناھىيەسىدە ئىجادىي شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقى نامايان قىلىندى. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، كۇنگاڭ كەچلىك بازىرىدا «ئانارنىڭ دانىسىدەك قەلبداش بولۇش» باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى + خاس كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش» ئارقىلىق ناھىيە رايونىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى. سەھنىدە قالتىس نومۇرلار ئورۇنلاندى؛ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا، ئەتلەس، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇردى، ھۈنەر - سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى نەق مەيداندا ياساپ كۆرگەزمە قىلدى، ساياھەتچى ئايزىبا نەبىجان: ھەم نومۇرلارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلاندىم، ھەم مەززىلىك تائاملارنى قانغۇچە تېتىيالىدىم، دېدى.
قالتىس مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن سىرت، بايرامدا جەم بولغان ئىللىق مەنزىرىنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسى ۋۇماچاڭ قازاق يېزىسى خۇڭشىن كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئىبادەت ئىلىنىڭ ھويلىسىدىن پولۇنىڭ مەززىلىك ھىدى تارالدى. سائەت 12لەردە، گۇچۇڭ بازىرى ئاھالىسى لى جۈخۇا ۋە دوستلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ، ئىبادەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس ناھىيە بازىرىدىن كەلدى.
«ئىبادەت ھەدە، قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.» كۆرۈشۈپلا لى جۈخۇا قىزغىنلىق بىلەن بەخت تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دەرھال ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى، مەززىلىك گۆش ۋە ئۆزگىچە پېچىنە - پىرەنىكلەرنى داستىخانغا قويۇپ، كۆپچىلىكنى مەززىلىك تائاملارنى بىللە تېتىشقا تەكلىپ قىلدى.
كۆپچىلىك تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، قىزغىن پاراڭلاشتى. بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن ئىبادەت خۇڭشىن كەنتىدىكى مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ئىدى، 11 يىل ئىلگىرى، لى جۈخۇا بىر قېتىملىق ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ھەم كوللېكتىپقا ئەزا بولغانىدى. ئۇنىڭ ئىلھامى بىلەن لى جۈخۇامۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پىدائىيلار كوللېكتىپى قۇرۇپ، مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزدى.
ئايرىلىش ئالدىدا، ئىبادەت ئۆز قولى بىلەن سالغان ساڭزا، يوۋگوزىنى لى جۈخۇاغا تۇتقۇزدى. قۇياش نۇرى ھويلىغا چۈشتى، دوستلۇق مېھرى چوڭقۇر تارالدى.
قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاتۇش شەھىرى بەخت كوچىسى پامىر غەربىي يولى مەھەللىسىدە «بەختلىك قوشنىلار مېھىر - مۇھەببىتى، ئورتاق بەھرىلىنىش يۈز ئائىلە زىياپىتى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، پارتىيە - ئامما پائالىيەت مەركىزىگە 300 ئاھالە خۇشال جەم بولدى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، قومۇز چېلىش قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، مۇكاپاتلىق سوئال - جاۋاب بېرىش ھالقىسىغا ئاھالىلەر بەس - بەستە قاتنىشىپ، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى. تاماق ئۈستىلىگە ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى قورۇمىلىرى، ئەتراپتىكى سودىگەرلەر ياردەم قىلغان خاس مەززىلىك تائاملار ۋە مەھەللە ئاشخانىسىنىڭ داڭلىق قورۇمىلىرى تىزىلغانىدى، كۆرۈنۈشى كۆركەم، تەمى مەززىلىك بولۇپ، كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا، مەشرەپ ئۇسسۇل مۇزىكىسى ياڭرىدى، كۆپچىلىك شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى.
پامىر غەربىي يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر باھارگۈل ئەمەت مۇنداق تونۇشتۇردى: «يۈز ئائىلە زىياپىتى» پائالىيىتى ئارقىلىق ئاھالىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىناق مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بايرام مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلامدا ھال سوراش ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى يەتكۈزۈلدى. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى گۇەن تىڭجياڭ بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى ئۇلاستاي كەنتىنىڭ ئاھالىسى پاتەم بىلەن تۇغقانلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش - كېلىشى قويۇقلىشىپ، دوستلۇق مېھرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. قۇربان ھېيت كۈنى، گۇەن تىڭجياڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاپتوموبىل بىلەن پاتەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بايرامنى بىللە ئۆتكۈزدى، ئۆينىڭ ئىچىدە بالىلار قىزىقارلىق ئىشلارنى ھەمبەھرىلىدى، سىرتتا چوڭلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ كەڭ - كۇشادە مۇڭداشتى. پاتەم ئەتكەنچاي قىلىش ۋە پولۇ ئېتىشكە ئۇستا ئىدى، گۇەن تىڭجياڭ داپەنجى قورۇشنى ياخشى كۆرەتتى، تاماق ئۈستىلىدە ئۇلار مۇڭدىشىپ بىر تەرەپتىن مەززىلىك تائاملارنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر - بىرىدىن مەسلىھەت ئالدى، يەنە بىر تەرەپتىن بالا بېقىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى.
چىڭگىل ناھىيەسى تايكەشكەن بازىرى سار بۇلاق كەنتىدە كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى. كەنت ئاھالىسى سامارقان شېشىقان تەسىرلەنگەن ھالدا: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى. چىڭگىل ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سار بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: ھال سوراش پائالىيىتى پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇردى.
قالتىس مەدەنىيەت كۆرىكىدىن ئىللىق، ئىناق قوشنىلار يىغىلىشىغىچە، كۈچ ئۇلاپ مېھىر يەتكۈزۈش ئىللىقلىقىنىڭ تارقىلىشىدىن چەكسىز غەمخورلۇققا تولغان قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھال سوراشقىچە، قۇربان ھېيتتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»تىن ئىبارەت چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى ئىزاھلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار دۇ جيەنخۇي، جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، چېن جياڭلىن، بەي سۇجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ خۇڭيەن، ۋېن جىڭ، ۋاڭ لى، مەمەت ئالىم، دىليار غېنى، فاڭ يىڭ)