تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىستىلنى كۈچەيتىمىز، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىمىز

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولدى −

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىستىلنى كۈچەيتىمىز، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا يېتەكلەپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈزىتىش، تۈزەش داۋامىدا ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىلنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن پاكلىق ئىمتىھانى ئېلىشقا تەشكىللىدى، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىن بۇرۇن پاكلىق سۆھبىتىنى قانات يايدۇردى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى بويىچە مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلدى، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆردى، پاكلىق ۋەدىنامىسى ئىمزالىدى... ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلارغا قارىتا «پاكلىق تەربىيەسى +» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «بەش بىر» بىرىكمە تەربىيە يۈرۈشلۈكىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى «تۇنجى تۈگمە»نى ياخشى ئېتىشىگە پائال ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ياش كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى جانلىق بولۇش، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئىبرەت تەربىيەسى قاتارلىقلارنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياش كادىرلارغا ئۆسۈپ يېتىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۇلارنىڭ غايە - ئېتىقاد ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ئىنتىزامى چىڭ، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش پولات قوشۇنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تېپىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش جەھەتتە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگىنىدىكى رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئىستىل مەسىلىسىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى، ھەرقايسى ياچېيكىلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى روھىغا ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە قاتتىق توغرىلىنىپ، ئۈچ خىل ئالتە تۈرلۈك ئورتاقلىققا ئىگە تۈزىتىش ئىش تۈرىنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقتى ھەم «تۈزىتىش − ئىزلاش − ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش»تىن ئىبارەت يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايرام مەزگىلىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى، دۇەنۋۇ بايرىمى قاتارلىق مۇھىم بايرام تۈگۈنى مەزگىلىدە «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتى ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، دېلونى ئىبرەت قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى. دائىملىق نازارەتچىلىك بىلەن مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئىبرەت تەربىيەسى + تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش»تىن ئىبارەت قوش چاقلىق قوزغىتىش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇردى، ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بەردى، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى پارتىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، «12389» گۇڭئەن ئورگىنى ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنى پاش قىلىش تېلېفونى، شىنجاڭ گۇڭئەن نازارەت قىلىش - پاش قىلىش سۇپىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدا ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر - تەكلىپ ئالدى. پارتىيە كومىتېتى بەنزە ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، توپلىغان پىكىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەم ئەمەلىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى گۇڭئەننىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىستىلىنى مەخسۇس تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئاخىرقى ھېسابتا ئامما ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكتە گەۋدىلىنىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بىۋاسىتە ھېس قىلىشىدا گەۋدىلىنىشى كېرەك.

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خەلق ئاممىسىنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان شەھەر - بازارلاردىكى تۇرالغۇ كۆچمەس مۈلكىنى «تىزىملىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن، چېتىلىدىغان تارماقلار كۆپ، ھەل قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى زور. قانداق قىلىش كېرەك؟

ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى كۆچمەس مۈلۈكنى «تىزىملىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتىكى «كىچىك كېسىك» قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. تۈزەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەبىئىي بايلىق تارماقلىرى مۇلازىمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «ئىش بېجىرگىلى بولماسلىق»نى ئىنكاس قىلىش كۆزنىكى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق سىجىل چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ، مەسىلە ھېسابات دەپتىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىزىملىك شەكلىدە باشقۇرۇپ، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قېپقالغان تۈرلەر پۈتكەندە (ئوت مۇداپىئەسى) تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، باج تاپشۇرماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەمتۈرتكە بولۇپ ھەل قىلدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان بېسىلىپ قالغان بىر تۈركۈم كۆچمەس مۈلۈكنى «تىزىملىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، 125 مىڭدىن ئارتۇق مۈلۈكدارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى دىققەتنى ئامما ئىنكاس قىلغان «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى 35 ئورگان، كەسپىي ئورۇننىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ھەپتە ئاخىرى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سودا چەمبىرىكى، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئەتراپتىكى 50 ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى 1657 توختىتىش ئورنىنى ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىدىغان قىلىپ ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولدى. «ھەر شەنبە كۈنى بالامنى تەيچۈەن گۇمپىسى ئۆگىنىشكە ئەكىلىمەن، بۇ يەردە ھەقسىز ماشىنا توختاتقىلى بولىدۇ، بەك قولايلىق.» ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىخۇڭ شەرقىي يولىدىكى تېڭفېي سارىيىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، ئاپتوموبىل ئىگىسى لى ۋېي خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ تەدبىرنى ئالقىشلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىمىگۇ رايونى ھەپتە ئاخىرى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، پۈتۈن رايوندىكى 20دىن ئارتۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ زال سىرتىدىكى تەنتەربىيە مەيدانى، توپ مەيدانى، يېنىك ئاتلېتىكا يۈگۈرۈش يولى قاتارلىقلارنى تەرتىپلىك سىرتقا ئېچىۋېتىپ، كەڭ ئاممىغا ئىستىل قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شى بىلەن قوشماقلاشقان ليەن - كەنتلەردە يېتەكچىلەر شاگىرت تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، 40 نەپەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسىدىن «قىزىل يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى» تەشكىللەپ، تۇپراقنى ياخشىلاش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ليەن - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ نۇقتىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بېيىش باشلامچىلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە 150 قېتىمدىن ئارتۇق «ئېتىز - ئېرىق دەرسخانىسى» قانات يايدۇرۇلۇپ، 2000دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى، ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، 60 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى تەرەپ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

(مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.