تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلاردا مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كېتىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلار، كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئېلىشتىن بەھرىلەنسە، گۈزەل سەنئەت سارىيىغا بېرىپ رەسىم كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ؛ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار، كۆل بويىدا ۋېلىسىپىت مىنىش، گۈل دېڭىزىدا سۈرەتكە چۈشۈش، گىلاس، مەي باغلاپ پىشقان ئۆرۈكلەرنى ئۈزۈشنى تاللاپ، ھوسۇل ئېلىش بەختىنى ھېس قىلسا بولىدۇ... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە مول، رەڭدار مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەييارلىدى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 2025 - يىللىق قورغاس ناھىيەسى ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت - ساياھەت پەسلى، توغراسۇ پىيادە مېڭىش - دالىدا قونۇش يىغىلىشى، ئىلى ئېتى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە بەيگىسى، تەبىئىي گولف ئىزدىنىش مۇسابىقىسى . 2025 ئىلى بېكىتى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق 18 تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويدى. ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش ۋە پەن - مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جېنلېي مۇنداق بىلدۈردى: بايرام مەزگىلىدە، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەت مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن سىرت، يەنە پىيادە مېڭىش - دالىدا قونۇش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال - خۇرام بايرام كەيپىياتىدا، تېخىمۇ تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت قوغداش شەكلى ئارقىلىق ئىلىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

6 - ئايدا شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلات ۋە باش تېما پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە ياز كۈنلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى باشقىچە شەكىلدە ھېس قىلدۇرىدۇ. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە «بۇلۇتلار ئوراپ تۇرغان يايلاق. ئىسسىق ھاۋا شارى ھەيۋەتلىك سەپىرى» پائالىيىتى باشلىنىدۇ. 2025 - يىللىق شايار ناھىيەسىنىڭ «شايار تەسىراتى . توغراق لوڭقىسى» قۇملۇق دالىدا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىمۇ قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە باشلاندى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ فەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ جايدا 24 تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت باش تېما پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاھىدە ساياھەت، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرگە بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

مارالبېشى ناھىيەسى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جەنما تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئۇچۇشنى ھېس قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ خۇڭخەي مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنى ئۇچۇش - قونۇش نۇقتىسى قىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى بوشلۇقتا تۇرۇپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى 15 - نۆۋەتلىك «باركۆل كۆلىنى ئايلىنىش» ۋېلىسىپىت تاشيول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى ھەم ساياھەتچىلەرنى سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى ئورتاق ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مېۋە - چېۋە ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مېۋە ئۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ، ساياھەتچىلەر مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە سەھرا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ گىلاس ئۈزۈش پەسلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. يېڭىشەھەر ناھىيەسى «موگۇ كىچىك بازىرىنى ھېس قىلىپ، ئېتىز بېشىدا <زەمبۇرۇغ> گۆھىرىنىڭ مەخپىي شىفىرىنى يېشىش» پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ، ساياھەتچىلەر ساۋمېي، ئادەمگىياھ مېۋىسى، تاۋۇز، قوغۇن، مېۋە خاڭگا قاتارلىقلارنى ئۈزىدۇ ھەم موگۇ يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا شەكلى ھەر خىل بولغان يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى يىغالايدۇ. قومۇل دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى مېۋە شوخلا، ياڭجياۋمى قوغۇنى قاتارلىق مېۋە - كۆكتاتلارنى ئۈزۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم گۈل ئۈزۈش تۈرىنى يولغا قويىدۇ؛ باغچە رايونىدىكى 20 خىلدىن ئارتۇق پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىرگۈلنى ساياھەتچىلەرنىڭ گۈل دېڭىزىدا سۈرەتكە چۈشۈش ۋە ئۇنى تاماشا قىلىشى ئۈچۈن سۇنىدۇ، ساياھەتچىلەر يەنە ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ ئوراپ گۈلدەستە ياسىسا بولىدۇ. بايرام مەزگىلىدە، قومۇل شەھىرى 11 تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ. قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پەن - تېخنىكا - مائارىپ ۋە تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ جيې مۇنداق دېدى: «بىز مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ئازادە، قولاي بولغان ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن، گۈلخان كېچىلىكى، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرۈپ دالىدا قونۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر دەم ئېلىش مەزگىلىدە كېچىلىك خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، يەكەن ناھىيەسى قاراسۇ قۇملۇق باغچىسىدا قۇملۇق گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى جىنساۋتەن ئويۇن قويۇش مەيدانىدىكى گۈلخان كېچىلىكى 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ناخشا - ئۇسسۇل، ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش بايرامغا شاد - خۇراملىق، قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتى قوشىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى ئون ئىككى مۇقامنى باش تېما قىلغان چوڭ تىپتىكى زال ئىچى چۆكۈش شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال ئويۇن تۈرى «قەشقەردە ئۇچرىشىش»، سەمەن يېزىسىنىڭ «جەلپكار قەشقەر. سەمەن يېزا ساياھىتى» ساياھەت - مەدەنىيەت پائالىيىتى، «ساتار تارىسى» ئويۇنى قاتارلىقلارنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دۇڭ خۇيچى مۇنداق بىلدۈردى: خاس ناخشا - ئۇسسۇل، ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرگە قەشقەرنىڭ ئادىمىيەت ئاساسى، مەدەنىيەت جەلپكارلىقى ۋە خۇشال بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.