تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدا يازلىق يىغىمدىكى «تۇنجى ئورغاق» سېلىندى، قەشقەردە ئورما باشلاندى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خې جياڭ، جەزىرە نېسىپبېك خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شېكەرباغ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا ئالتۇن رەڭلىك دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا ئىدى، چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە كومبايىن گۈرۈلدىگەن ھالدا بۇغداي دېڭىزىغا كىردى. شىنجاڭدا 2025-يىللىق يازلىق يىغىمدىكى «تۇنجى ئورغاق» سېلىندى، قەشقەردە ئورما باشلاندى.

چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە كومبايىن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شېكەرباغ كەنتىدە كۈزگى بۇغداي ئورىماقتا (6-ئاينىڭ 4-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). ئابدۇغېنى مامۇت فوتوسى

   بۇ يىل، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىليون 800 مىڭ مودىن ئاشتى. «ۋىلايەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، 5500دىن ئارتۇق كومبايىننى تەشكىللەپ، يۆتكەپ مەشغۇلاتقا ئورۇنلاشتۇردى. مەشغۇلات ۋاقتىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، مەشغۇلات رايونىنى دەل جايىدا ئايرىپ، كۈزگى بۇغدايدىن ھوسۇل ئېلىش ئۈنۈمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈردى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەمەت مەخمۇت.

   قەشقەر ۋىلايىتىدە ئورما باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، يازلىق يىغىم خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ: خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن ئورما تاماملىنىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئورما ئورۇيدۇ. بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىدىدىغان بۇ كۈچ ئۇلاپ ھوسۇل يىغىش 8-ئايدا يازغى بۇغداينى ئورۇش باشلانغىچە داۋاملىشىدۇ.

   ھاۋارايىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ھۆل-يېغىن ئاز بولىدىكەن، ئومۇمەن يىغىپ ئاپتاپقا سېلىشقا پايدىلىق بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ شۆجياۋ مۇنداق دېدى: يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېتېئورولوگىيە ئورۇنلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق ھاۋارايى ئەھۋاللىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.