تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى مەركىزىي شەھەر قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەييارلىقى تەق بولدى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىمىگۇ رايونلۇق چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ساقچى ياردەمچىلىرى چارلاش ئاپتوموبىلىغا «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جىددىي ئىشلار مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى» دېگەن بەلگىنى چاپلىماقتا. تىيانشان تورى − شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى شەن كۇن فوتوسى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شەن كۇن خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، ئوقۇغۇچىلار 2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىمتىھان يېقىنلاشقان ھالقىلىق پەيتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە بارلىق ساقچىلارنى يولغا چىقىرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان مەزگىلىنىڭ غەم-ئەندىشىسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 52 ئىمتىھان مەيدانى، 1217 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن.

     ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 4801773-0991نى ئاچقان بولۇپ، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قېلىش، قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ئىمتىھان نۇقتىسىغا خاتا بېرىپ قېلىش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋاللارغا يولۇقسا، يول بويىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىدىن ياردەم سورىسا ياكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بەرسە بولىدۇ، قوماندانلىق مەركىزى يېقىن ئەتراپتىن ساقچى ئەۋەتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.