ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىن يول يۈرىدۇ! ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە نۆۋەتچى مېترونى كۆپەيتىپ، «ئۈچتە ئەلا» مۇلازىمەت ھەم ھەقسىز ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ
ئۈرۈمچى مېتروسى
مېترودا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرىگە ئاتلىنىڭ
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا غەلىبە قازىنىشىڭىزغا كۈچ قوشىمىز
پائالىيەت ۋاقتى: 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە
پائالىيەت مەزمۇنى
1. نۆۋەتچى مېترو كۆپەيتىلىدۇ
2025-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى نۆۋەتچى مېترودىن ئىككى جۈپ كۆپەيتىدۇ، تۇنجى نۆۋەتچى مېترو مۇددەتتىن بۇرۇن سائەت 7:20دە قاتناپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېتروغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
2. مۇلازىمەت كاپالىتى
ھەر قايسى بېكەتلەردە يېشىل يول تەسىس قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىن يول يۈرۈش بويىچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىش، بېكەتكە ئالدىن كىرىش-چىقىشتىن ئىبارەت «ئۈچتە ئەلا» مۇلازىمەت تەدبىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ھەرقايسى بېكەتلەر «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ياردەم بېرىش نۇقتىسى» تەسىس قىلىپ، ئوقۇش قوراللىرى بوغچىسى تەييارلاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.
«ئانار بۇلۇت» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى