نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن −
سىرتقا چىققاندا بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا، باشقىلارغا ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئامالسىز يان تېلېفونىنى ئېلىپ ئۈن-تىنسىز ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ؛ قىزىقىدىغان بىرەر لېكسىيەنى ئاڭلىغاندا، قول كۆتۈرۈپ سوئال سورىغۇسى كەلسىمۇ، لېكىن خىجىل بولۇپ سوراش-سورىماسلىقىنى بىلەلمەي قايتا-قايتا ئىككىلىنىپ قالىدۇ؛ باشلىق يېڭى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغاندا، تەپسىلاتلارنى سورىماقچى بولىدىيۇ، ئەمما كۈلكىگە قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ...
غەيرەتكە كېلىپ «كۆپرەك سوراش»قا قارىغاندا، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز يالغۇز يۈزلىنىشنى تاللاشقا تېخىمۇ ئادەتلەنگەن. ئەسلىدە ئېرىشكىلى بولىدىغان ياردەم، پۇرسەت ياكى يېڭى دوستلار بىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىمىز ئاستىدا ئاستا كېتىپ قالىدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئىشلاردا، بىزدە كەم بولۇۋاتقىنى پەقەت غەيرەتكە كېلىپ، كۆپرەك سوئال سوراشلا خالاس.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى