قۇربان ھېيت مەزگىلىدە چاچى مەنزىرە رايونىدا يول يۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى
ھۆرمەتلىك ساياھەتچى دوستلار:
قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى بېيىتىش، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغان كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، چاچى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەنزىرە رايونىدىكى يوللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:
1. چاچى چوڭ سۇپىسىنىڭ 9 كىلومېتىرلىق (قۇم-شېغىللىق يول) ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىش ئايلانما لىنىيەسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ ساياھەتچىلەرگە ئالدىن ئېچىۋېتىلىدۇ؛ ساياھەتچىلەر قاتناش قائىدىسى، مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ۋە نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قوماندانلىقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغانلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى پەقەت ئاپتوموبىل يولىدا يۈرۈشى، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئاپتوموبىلنى توختىتىشى كېرەك. ئوتلاقنى دەسسەپ ئۆتۈش، خالىغانچە ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق قىلمىشلار كۆرۈلسە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
2. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلى (6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بولغان مەزگىل)دە، چاتا ئايلانما لىنىيەسىنىڭ يەنزى كۆۋرۈكىدىن كۆزىتىش مۇنارىغىچە (قۇم-شېغىللىق يول) بولغان ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلىدۇ.
قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپىرىڭىز كۆڭۈللۈك، ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى!
چاچى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى
2025-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى