ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر تاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى، شەھەرلىك ئارخىپخانا، شەھەرلىك تارىخ-تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بىلەن تىيانشان رايونى يۆجىنگەي كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي مەھەللىسى بىرلىكتە مەھەللىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا «قۇربان ھېيتتا بايراملىق مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ قەلبداش بولۇش» باش تېمىسىدا بىر مەيدان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە «دادېڭديەن»نى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى لەرزان ھەرىكىتى بىلەن «جۇلا» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىدى، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئورۇنلىغان ناخشا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى كىلاسسىك تىياتىر «دادېڭديەن»نى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، مەھەللە ئاھالىلىرىمۇ بەس-بەستە قاتنىشىپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مول، رەڭدار بولغان مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتەك چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى نامايان قىلدى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى ئېسىل نومۇرلارغا ئالقىش ياڭراتماقتا.
مەھەللە ئاھالىسى مېھراي ئالىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پائالىيەت بەك قالتىس بولدى! بۇ نەچچە يىلدا مەھەللىمىزدە ھەقىقەتەن بەك چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، خىزمەت ئەترىتى بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى، مەھەللىمىزنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى بەختكە تولدى». ئاھالىلەر بەس-بەستە ئۆزلىرى پىشۇرغان پىچىنە-پىرەنىك، ساڭزا قاتارلىق ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى، كۆپچىلىك مەززىلىك يىمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگكەچ، نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزئارا بايراملىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، بايرام شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى تاڭ چاۋرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «قۇربان ھېيت يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بىز ئامما ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، سەنئەت، مۇزىكا ۋە مەززىلىك يىمەكلىكلەر ئارقىلىق بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدۇق، بۇ، قوشنىلار ئارا مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ قالماي، كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلىپكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، بۇنىڭدىن كېيىن بىز تېخىمۇ كۆپ مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز».
6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە سېرىك ئويۇنى قويۇپ بەرمەكتە.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرىدىن چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ئورۇنداشنى ئۆگەنمەكتە.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى «گۈزەل شىنجاڭ» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.
6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھەرلىك ئارخىپخانىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئائىلە ئارخىپى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى