تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى جېڭجوۋدىن غۇلجا، قومۇل، ئالتايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىدۇ

   يازلىق تەتىللىك ساياھەت ئاۋات مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خېنەن ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، جېڭجوۋ-غۇلجا، جېڭجوۋ-قومۇل، جېڭجوۋ-ئالتاي لىنىيەسىدە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ساياھەت ئىقتىسادىغا ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

  يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن جېڭجوۋ-غۇلجا لىنىيەسىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى بولسا CZ5391/2، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋاقتى سائەت 20:30دا جېڭجوۋدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 01:35تە غۇلجىغا يېتىپ بارىدۇ، 2-كۈنى سائەت 08:30دا غۇلجىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12:50دە جېڭجوۋغا قايتىپ بارىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن جېڭجوۋ-قومۇل لىنىيەسىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى بولسا CZ8589/90، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋاقتى سائەت 08:10دا جېڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:50دە قومۇلغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 12:40تا قومۇلدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:45دە جېڭجوۋغا قايتىپ بارىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن جېڭجوۋ-ئالتاي لىنىيەسىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى بولسا CZ5689/90، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋاقتى سائەت 15:15تە جېڭجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:10دا ئالتايغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 21:00دە ئالتايدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 01:10دا جېڭجوۋغا قايتىپ بارىدۇ. (شى باۋيىن، چېن بو، خۇ مېڭ)

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.