6-ئاينىڭ 1-كۈنى
2025-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى
13 كۈن داۋاملاشقان
5000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان
10 ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكىدە
ئاقسۇ، خوتەننى ئايلىنىپ ئاندىن قەشقەرگە بارغۇچە
سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتقا تولغان مۇسابىقە مەيدانىدىن
تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت يۇغۇرۇلغان ئاخىرقى مەنزىلگىچە
مەدەنىيەت-ساياھەت كاتتا مەرىكىسى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى

6-ئاينىڭ 1-كۈنى، دىڭشىن مىسچىلىقى فېيتيې راللى ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرى جاڭچيەن يۆتۇڭ 10-مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلەشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى

6-ئاينىڭ 1-كۈنى، جياچاڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرى ۋۇ جىڭ (ئوڭدا)، يول باشلىغۇچى لياڭ دۇڭدۇڭ مۇسابىقىدىن كېيىن ئاپتوموبىللارنى مۇسابىقىدىن توختىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى

6-ئاينىڭ 1-كۈنى، لىڭگۇڭلى سىلىقلاش مېيى ZM - Buggyra ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى سېيشېلدىن كەلگەن ئاپتوموبىل ماھىرى ئالىيا كوروك ئاپتوموبىللارنى مۇسابىقىدىن توختىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى
5-ئايدىكى ئاقسۇ
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن
تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى سەۋەبلىك ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، خۇڭتو پاراۋوز زاۋۇتى ئاپتوموبىل ئەترىتى 1-ئەترىتىنىڭ چېختىن كەلگەن ئاپتوموبىل ماھىرى مارتىن رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىدە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى 1-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقە يولىدا كېتىۋاتماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). 1-مۇسابىقە بۆلىكى مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئونسۇ ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى، ئومۇمىي مۇساپىسى 150 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئېگىز تاغ، جىلغا، دەريا يولى قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ شىڭيۈ فوتوسى
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى 1-مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ مۇسابىقە يولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى 3-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقىدە سۇ كېچىپ ئۆتىدىغان يول بۆلىكىدىن ئۆتمەكتە. 3-مۇسابىقە بۆلىكى مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ مۇساپىسى 330 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، سۇ كېچىپ ئۆتىدىغان تار جىلغا، چۆللۈك قاتارلىق يەر شەكللىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى بوستانلىقتا
قوشاق-نەزمىلەر توغراققا ئوخشاش ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ داۋاملىق ئېيتىلىپ كەلمەكتە
قەدىمىي مۇقام ناۋاسى توختىماي ياڭراپ
بۇ تۇپراقتا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلمەكتە
ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ئاقسۇ
مول بايلىقى بىلەن كىشىلەرنى ھەم ھەيران قالدۇردى، ھەم كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى
ساياھەتچىلەر قىزىلقاغا تۇرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. (2024-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان)
قىزىلقاغا تۇرى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، 2000 يىلدىن ئارتۇق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، ئىنتايىن ياخشى ساقلىنىپ كەلمەكتە، نۆۋەتتە شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، دەۋرى ئەڭ ئۇزاق تۇر ھېسابلىنىدۇ. 2014-يىلى، بۇ تۇر جۇڭگو، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىرلىكتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان «يىپەك يولى: چاڭئەن-تىيانشان كارىدورىنىڭ يول تورى»نىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
سەھەردىكى سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى. (2024-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان)
سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان، مىلادى 3-ئەسىردە سېلىنغان، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى قەدىمكى كۈسەن رايونىنىڭ مۇھىم بۇددا دىنى ئىمارەتلىرى توپى خارابىسى بولۇپ، 2014-يىلى «يىپەك يولى: چاڭئەن-تىيانشان كارىدورىنىڭ يول تورى»نىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

سۈرەتتە: شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە تارتىلغان قىزىل مىڭ ئۆي. (2020-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈ تاۋ فوتوسى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ تارىم دەرياسى بويىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى يۆلياڭۋەن مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى توغراقلىق. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى بويلاپ تەخمىنەن 15 مىليون مو توغراقلىق تارقالغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ توغراقلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى تەۋەسىدە تەخمىنەن 4 مىليون 700 مىڭ مو توغراقلىق بار.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرۈنۈشى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
مايتاغ-كۇچا تاشيولى تىيانشان تېغىنى توغرىسغا كېسىپ ئۆتىدۇ، شىمالدا قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىگىچە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 560 كىلومېتىر كېلىدۇ. تاشيولنى بويلاپ خۇسەن تاش ئورمانلىقى، كۇچادىكى دالۇڭچى، شياۋلۇڭچى كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بار بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ خەن فوتوسى
2024-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى جاي كەنتىدىكى كۈسەن مەدەنىيەت چالغۇلىرى كۆرگەزمە مەركىزىدە ئارتىسلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى جاي كەنتىدە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى نۇردۇن ئىسمائىل (سولدىن 2-كىشى) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھويلىسىدا چالغۇ چالماقتا (2024-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان). جاي كەنتىنىڭ چالغۇ ياساش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، «شىنجاڭ خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش بىرىنچى كەنتى» دېگەن نامى بار.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

2024-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدە، بىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ خەن فوتوسى
2024-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدا، باغۋەنلەر ئالما قاچىلانغان يەشىكلەرنى رەتلىك تىزماقتا. شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كۈن نۇرى چۈشۈش شارائىتى ئەۋزەل بولۇپ، بۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن ئالمىلارنىڭ پوستى نېپىز، ئېتى يۇمشاق، تاتلىق، چۈرۈك، شىرنىلىق بولغاچقا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ خەن فوتوسى
خوتەن
بۇ يەردە چەكسىز قۇم دېڭىزى بىلەن كوئىنلۇن تېغىنىڭ قارلىق چوققىلىرى بار
بۇ يەر قەدىمىي يىپەك يولىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيلىك ئۇچراشقان جاي
تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت-ساياھەت گۈزەل مەنزىرىسىگە ئىگە
بۇلارنىڭ ھەممىسى موتورنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئىچىدە ئاستا-ئاستا نامايان بولۇپ
كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ

5-ئاينىڭ 26-كۈنى، بىر موتوسىكلىت 5-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقە يولىدا كېتىۋاتماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
5-مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 280 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، قاراقاش ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ. مۇسابىقە يولى قۇم-شېغىللىق يول، يۇمشاق قۇم رايونى، قۇم بارخانىلىرى ۋە چۆللۈكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يول بويى نۇرغۇن توغراقلىقنى كېسىپ ئۆتىدۇ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ شىڭيۈ فوتوسى
5-ئاينىڭ 26-كۈنى، موتوسىكلىت 5-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقە يولىدا كېتىۋاتماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ شىڭيۈ فوتوسى

5-ئاينىڭ 27-كۈنى، دونەي تەۋرىنىشنى يېنىكلىتىش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرى لىن دېۋېي، يول باشلىغۇچى ۋاڭ ياڭ 6-مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىگە قاتناشماقتا. 6-مۇسابىقە بۆلىكى مۇسابىقىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى.
مەدەنىيەتنى روھ
قىزغىنلىقنى مىلودىيە
مۇسابىقىنى ۋاسىتە قىلىپ
يىپەك يولىنىڭ كاتتا قىياپىتىنى نامايان قىلىش، بىر قەدەمنى مىڭ يىلدەك ئېلىش
تەنتەربىيەگە ئەگىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ
قەدىمىي خوتەننىڭ يىپيېڭى قىياپىتىگە نەزەر سېلىش
2019-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى كوئىنلۇن تاغلىق رايونىدا، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان ئاپتوموبىل مۇسابىقە يولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان بولۇپ، يىراقتىن كوئىنلۇن تېغىدىكى قارلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

2023-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، 2023-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ساياھەت كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
2024-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئويۇن قويۇش نەق مەيدانى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە تارتىلغان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى كېرىيە دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى. (2019-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى دەريا بويى يېزىسىنىڭ ئەسلىي ئورنى مەنزىرە رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش. (تىزگنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، بالىلار شىنجاڭ خوتەن شەھىرى «تۇەنچېڭ»دىكى كەپتەر كوچىسىدا ئوينىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى

2024-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن كەچلىك بازىرىدا، سودىگەر مەستۇرەم ئابدۇمۇقيىت خېرىدارلارغا قېتىق زۇڭزىسى ياساپ بەرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە تەسىس قىلىندى
كوئىنلۇن تېغى ئېتىگىدىكى قەشقەر
قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي
2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى يىپەك يولىدا كولدۇرما ئاۋازى ئاڭلانغاندىن باشلاپ
قەشقەر خۇاشيا مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا ئۆسۈپ يېتىلدى

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، جيۇچى كوڭچې راللې ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرى پېڭ ياڭ 7-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
7-مۇسابىقە بۆلىكى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 82 كىلومېتىر بولۇپ، «قۇملۇق + چۆل»دىن ئىبارەت مۇرەككەپ يەر شەكلىنى خاسلىق قىلغان، بۇ، بۇ يىل يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان مۇسابىقە بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى
5-ئاينىڭ 28-كۈنى، مىڭيۇەن ئوقەتچىلىكى . چېڭدې لېي فېڭ CR7 ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرى سۈن خاۋ، يول باشلىغۇچى ۋاڭ دۇڭدۇڭ 7-مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىگە قاتناشماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى
5-ئاينىڭ 31-كۈنى، چۈجىڭ تيەنفۇيۈەن دالا ئاپتوموبىلى كۇلۇبىنىڭ ماھىرى پېڭ فۇرېن، يول باشلىغۇچى ياڭ ۋېي 9-مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىگە قاتناشماقتا. 9-مۇسابىقە بۆلىكى شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىدىكى قۇملۇقتا ئېلىپ بېرىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى
5-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ماھىرى سۇلايمان داۋۇت 9-مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىگە قاتناشماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىن يۆۋېي فوتوسى
يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر قەشقەردە
مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېسىل ھەم مول
تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ
سەھەردىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى. (2023-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا. (2024-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا. (2023-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى-مور بۇددا مۇنارى. (2023-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
«بۇلۇت ئۈستىدىكى ناھىيە» دەپ نام ئالغان
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە
كۆپ خىل مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقى توپلانغان بولۇپ
چەكسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە
شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان مۇزلۇق مەنزىرىسى. (2023-يىل 9-ئاينىڭ 6 -كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، ئادىمىيەت مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، «پامىر ئېگىزلىكىدىكى مەرۋايىت» دېگەن نامى بار.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن خاۋيۈەن فوتوسى
شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى «سەييۈن رېنجيا» خەلق ئۆرپ-ئادىتى كەنتىدە، ئارتىسلار تاماشىبىنلارغا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئورۇنداپ بەرمەكتە. (2025-يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان «بەلدىر كۆك كۆلى»نىڭ كۆرۈنۈشى. (2023-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان
مۇسابىقە ئىقتىسادى تەدرىجىي ھالدا ئىستېمال بازىرىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى
تەنتەربىيە بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەت تېخىمۇ زىچ يۇغۇرۇلدى
ھەربىر مەيدان ئېسىل مۇسابىقە ئارقىلىق
مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ۋە مۇسابىقىنى كۆرگەن ساياھەتچىلەر
ھەربىر يېڭى مەنزىل بىلەن تونۇشۇپ چىقتى
بىز كېلەر نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىدە
گۈزەل شىنجاڭنى داۋاملىق بىرلىكتە ساياھەت قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز
تەنھەرىكەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن
ئوخشاش بولمىغان ئۇچقۇنلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






