شىنخۇا تورى، فۇجوۋ، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى (ليۇ موخەن) ھازىر، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ دېخۇا ناھىيەسى لېيفېڭ بازىرى لىشى كەنتىدىكى 100 مو پەلەمپەي ئېتىز سۇ ساقلاش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تاغ باغرىغا سوزۇلغان قاتمۇقات پەلەمپەي ئېتىزلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى. سۇ بىلەن تولغان پەلەمپەي ئېتىزلار خۇددى سانسىزلىغان ئەينەككە ئوخشاش كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ۋە ياپيېشىل تاغ تىزمىلىرىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاجايىپ گۈزەل سەھرا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

تاغ باغرىغا سوزۇلغان قاتمۇقات پەلەمپەي ئېتىزلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى. شىنخۇا تورى تارقاتقان (لەي جيەنمىڭ فوتوسى)

سۇ بىلەن تولغان پەلەمپەي ئېتىزلار ئاجايىپ گۈزەل سەھرا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى. شىنخۇا تورى تارقاتقان (لەي جيەنمىڭ فوتوسى)

تاغ باغرىغا سوزۇلغان قاتمۇقات پەلەمپەي ئېتىزلار. شىنخۇا تورى تارقاتقان (لەي جيەنمىڭ فوتوسى)

پېشقەدەم دېھقانلار پەلەمپەي ئېتىزدا تېرىقچىلىق قىلماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتقان (لەي جيەنمىڭ فوتوسى)
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى