ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بىر گەۋدە سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇ كۈنى، كۇچا شەھەرلىك داۋالاش گۇرۇھى ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق شۆبە دوختۇرخانىسى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، «كۆچمە ICU» قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا تايىنىپ تۇنجى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، بۇ، كۇچا يېڭىلىق يارىتىپ بەرپا قىلغان «ئاپتوموبىلغا چىقىپلا دوختۇرخانىغا كىرىش» جىددىي قۇتقۇزۇش ئەندىزىسىنىڭ ئەمەلىي جەڭ باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، ئاغرىقلارنى يۆتكەش سەپىرىدە كەسپىي قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

5-ئاينىڭ 27-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا ئاغرىقنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ئەھۋالىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا يۇقىرىغا يوللىماقتا. جاڭ يۈشياڭ فوتوسى
بۇ قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «كۆچمە ICU كېسەلخانىسى»نىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى «جاننى قۇتقۇزىدىغان قالتىس ئۈسكۈنە» دېيىشكە بولىدۇ، ئاپتوموبىل ئىچىگە ئېلېكتروكاردىئوگراف ئەسۋابى، تىترەشنى يوقىتىش ئەسۋابى، نەپەسلەندۈرگۈچ قاتارلىق بىر يۈرۈش كەسپىي جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن. 5G تورى ۋە بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئاغرىقنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى سانلىق مەلۇماتى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن، سۈرەت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ھەر ۋاقىت ماس قەدەمدە ئارقا سەپ دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى چاقىرىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سىستېما ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ، ئەڭ ياخشى لىنىيەنى پىلانلايدۇ ھەم ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان تېرمىنال ئارقىلىق يول ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت يېڭىلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش يولى ئېچىلىپ، ئاپتوموبىلدىكى تېببىي خادىملار يۆتكەش جەريانىدا جىددىي قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرىدۇ، ئارقا سەپتىكى دوختۇرخانا مۇتەخەسسىسلىرى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كېسەل كۆرۈش تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەيدۇ.
ھازىر، كۇچا شەھىرى شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۈچ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى، توققۇز يېزا-بازار شىپاخانىسىدىكى 15 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ دەرىجىسىنى «كۆچمە ICU كېسەلخانىسى»غا ئۆستۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بايلىقىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ ئەندىزە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە سەكتىسى ئاغرىقلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكەپ داۋالاش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، قۇتقۇزۇش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىنۇتتىن ئارتۇق قىسقاردى. «<ئاپتوموبىلغا چىقىپلا دوختۇرخانىغا كىرىش>تەك جىددىي قۇتقۇزۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، بىز ئەنئەنىۋى يۆتكەپ توشۇشتىكى <توشۇشنىلا بىلىپ، قۇتقۇزماسلىق> چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىممەتلىك قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈردۇق» دېدى كۇچا شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر دى جىجوۋ.
«كۆچمە ICU كېسەلخانىسى»نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كۇچا شەھىرىنىڭ «ئاپتوموبىلغا چىققان ھامان قۇتقۇزۇش-داۋالاش—يول ئۈستىدە داۋاملىق كۆزىتىش— دوختۇرخانىغا كىرگەندە يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كەلگۈسىدە، كۇچا شەھىرى بۇ ئەندىزىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەسپىي جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى بىلەن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى