تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى! ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش

   6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلگەن خەلقئارالىق يولۇچىلارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كېيىنكى دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلان رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھاجەتسىز، خەلقئارا پورتقا كىرىش زالى R رايونىدىكى ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان پۇكىيىگە بارسىلا، بىر پونكىت شەكلىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ۋە يۈك-تاق توشۇش ھاۋالىسى قىلىپ، ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىشنى يوچۇقسىز ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بۇ، سەپەرگە چىقىشنى تولىمۇ قولايلاشتۇردى.

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان يولۇچىلار ئۈچۈن ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكتە. ۋاڭ يىچېڭ فوتوسى

   ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا ئايروپىلاندىن دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئالمىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش پۇكىيى خەلقئارا پورتقا كىرىش زالىنىڭ 3-نومۇرلۇق يۈك-تاق ئېلىش ئايلانمىسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي تۆت مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، R01 - R02 جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىشنى بېجىرىش پۇكىيى، R03 - R04 ئايروپورتنىڭ ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش پۇكىيى. نۆۋەتتە چۇنچيۇ، جيۇيۈەن ئاۋىياتسىيەسى ۋاقتىنچە بېجىرەلمىگەندىن باشقا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ۋە باشقا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك ئۇلاپ توشۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

   خەلقئارا ئايروپىلاندىن دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئالمىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش پۇكىيىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى تېجەپلا قالماي، ئايرودۇرۇمنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.