6-ئاينىڭ 2-كۈنى
ياش ئارتىس دىلرابا دىلمۇرات باش رول ئالغان
جوۋ شىڭچى رېژىسسورلۇق قىلغان «ئاياللار پۇتبول كوماندىسى» ناملىق فىلىمنى
سىنغا ئېلىش رەسمىي تاماملاندى
ئالاقىدار سۆزلەر ۋىيبودا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

«ئاياللار پۇتبول كوماندىسى» ناملىق فىلىمدە شاۋلىن گۇمپىسى بىلەن پۇتبول ئامىلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ
ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى چۆرىدەپ
پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر توپ قىزلارنىڭ
قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىپ
ئارزۇسىغا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغان
فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى فىلىمنى ئۈچ ئاي سىنغا ئالدى
دىلرابا 6-ئاينىڭ 2-كۈنى فىلىمدىكى ئۆزى رول ئالىدىغان بۆلەكلەرنى تاماملىدى
قالغان باش رولچىلار مەسىلەن، جاڭ شياۋفېي، جاڭ يىشىڭ قاتارلىقلارمۇ
يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئۆزى رول ئالىدىغان بۆلەكلەرنى تاماملىدى
فىلىمنى سىنغا ئېلىش نەق مەيدانىدا فىلىمنىڭ ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنغان كۆرۈنۈشىدىن بىرقانچىسى ئاشكارىلانغان بولۇپ
جوۋ شىڭچى ئۆزى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆتكەلنى ئىگىلىگەنىدى
كۆپچىلىك گۇمپا، پۇتبول ۋە كومېدىيە ئامىللىرى يۇغۇرۇلغان
«ئاياللار پۇتبول كوماندىسى» ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى