□ شىن شىجيەن
ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقسام گەر تېپىپ ئىمكان، دېگەيمەن ئۆزگە تاغلار بارى پەس قاپتۇ. بۇ، قەدىمكىلەرنىڭ «دۇنياغا ئېگىزدىن نەزەر سېلىش»ىدىكى يۇقىرى نۇقتىسى ئىدى. بۈگۈن، بىز تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ «تيەنيەن»ى ئارقىلىق بۇلۇتلار ئارىسىدا كېزىپ، قالتىس تىيانشانغا بوشلۇقتىن نەزەر سالماقتىمىز.
يېقىندا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، 70 يىللىق ۋاقىت تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قالدۇرغان ئىزلارنى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك خاتىرىلىدى. بۇ، نۇر سەنئىتىنىڭ سوۋغىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بولغان چوڭقۇر نەزەر ۋە ئىستېرېئولۇق چۈشەندۈرۈش. بۇ خىل ئۆزگىچە «نەزەر دائىرە» ئارقىلىق، كىشىلەر ئېكراندىنلا شىنجاڭنىڭ بەئەينى سۈرەتتەك تاغ - دەريالىرىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تولۇپ تاشقان قۇۋۋىتىنىڭ، ئېكولوگىيە مۆجىزىسىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىنىڭ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ بۇ تۇپراقتىكى شانلىق نۇرىنى ھېس قىلالايدۇ.
ئېگىز بوشلۇقتىن نەزەر سالساق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاقىل تومۇر سوقۇشىنى ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىۋاتقان كامېرا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە بازىسىغا توغرىلانغاندا، يۇلتۇزلاردەك تارالغان ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش دولقۇنىدىكى كۆركەم ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ شىنجاڭ تارباغاتاي (تولى) يېشىل كاربون ئەقلىي ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسى كامېرا ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن ھېسابلاش ئىقتىدارى پەن - تېخنىكىسى چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرۈۋاتاتتى؛ كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، «سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى خۇددى غايەت زور ئەجدىھادەك تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 0.01 سېكۇنت تېزلىكتە شىنجاڭ توكىنى خۇادۇڭ رايونىغا يەتكۈزۈشتەك مۆجىزىنى نامايان قىلماقتا.
كامېرا باقتۇ پورتىغا توغرىلاندى، 260 نەچچە يىللىق سودا ئالاقە تارىخىغا ئىگە بۇ پورت «كەڭ بۇلۇڭ»لۇق نۇقتىدىن تاموژنىدىن ئاپتوماتىك ئۆتۈشنىڭ ئاقىللىشىش دەرىجىسىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقىنى نامايان قىلدى، كامېرادىن يۇقىرى ئۈنۈمدە تاموژنىدىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللار ئېقىمىدا ئۇرغۇپ تۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى؛ دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسىدىكى ئاق تام، قارا كاھىشلىق، بارچە گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلغان گەنچۈەن كەنتىنىڭ پەردازلانمىغان ئەينەن كۆرۈنۈشى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى دەلىللەپ تۇراتتى. كۆكتىن نەزەر سالغاندا، شىنجاڭ ئاقىللىشىشنى قەلەم قىلىپ بىپايان تۇپراقتا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈۋاتقان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە ئىدى.
تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ تاغ - دەريالار ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېشىل داستانىنىڭ ۋاراقلىرى بىرلەپ - بىرلەپ ئېچىلدى.
كامېرا تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئۇزاققىچە سۈرەتكە ئالدى، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى ماي بوياق رەسىم كەبى ئاقچوققا يايلىقىدا چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئىلمىي نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش ئېلىپ كەلگەن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئېنىق نامايان بولدى؛ تولى ناھىيەسىدىكى شامال ئۆتىڭىدە ياپيېشىل ئورمان بەلبېغى نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ بوراننى بويسۇندۇرۇش، قۇم تىزگىنلەشتىكى باتۇرانە ئىش ئىزلىرىنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى. مورىدىن ماناسقىچە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىلىرى يول بويى بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىندۈرۈلۈۋاتقان قەيسىرانە ئىزنالارنى سۈرەتكە ئالدى، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق كۆڭۈل قويۇپ قوغداش نەتىجىسىدە قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. كۆك ئاسمان شۇنىڭغا گۇۋاھكى، ئىلگىرىكى خالىغانچە زىيان سالىدىغان قۇم - بوراننىڭ مەنبە رايونى چوڭقۇر ھەم پۇختا بولغان بىر مەيدان غايەت زور يېشىل ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ دەل شىنجاڭ خەلقىنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ قايتۇرغان ئەڭ جاراڭلىق ساداسى.
كامېرا ئىللىقلىققا تولغان تۇپراققا توغرىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا دائىم نامايان بولۇۋاتقان ئىللىقلىق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىدىكى مەيداندا سەككىز مىللەتتىكى 35 جۈپ قىز - يىگىتنىڭ توي مۇراسىمى ئېكراندا كۆرۈندى، كامېرا ھەرمىللەت ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، ئەتكەنچاينى تەڭ ئىچىۋاتقان شېرىن دەقىقىلىرىنى سۈرەتكە ئالدى، ئاددىي كۈنلەردىكى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش دەل «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نىڭ ئەڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئىزاھاتى ئىدى. بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەرقايسى مىللەتلەر بىللە ئولتۇراقلىشىپ بىللە ئۆگىنىش، بىللە قۇرۇپ بىللە بەھرىلىنىش، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئېچىش كۆرۈنۈشلىرى بۇرۇنلا بىپايان تۇپراقنىڭ قات - قېتىغا يۇغۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ قېنىق جەمئىيەت ئاساسىي رېڭىگە ئايلانغانىدى. كامېرا تىيانشاندىكى بۇلۇتلارنى كېزىپ ئۆتتى، كىشىلەر شىنجاڭنىڭ خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى كۆرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بوشلۇقتىن پەسكە نەزەر سېلىپ، ھەرمىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا پۈتكەن قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان داستاننى ئوقۇپ چىقالايدۇ.
ئېگىز بوشلۇقتىن پەسكە نەزەر سالساق، بۇ مەيدان كۆرۈش تۇيغۇسى نۇقتىسىدىن كۆزىتىش گۈزەل شىنجاڭغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭقۇر مەدھىيە، شۇنداقلا دۇنياغا قالتىس شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان ھەيۋەتلىك خىتابنامە. بۇ كۆرۈنۈشلەردىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، شىنجاڭ دەۋرنىڭ توختاۋسىز شامىلىغا تايىنىپ، توسۇۋالغۇسىز قىياپەت بىلەن تېخىمۇ بىپايان مەنزىلگە قاراپ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا!






