ھازىرقى بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىدە «ياز كۈنلىرى سۇلۇق يەر يېشىللىققا پۈركەندى، قومۇشلارمۇ زۇمرەت سۇ ئىچىدە دولقۇنلىدى» دېگەندەك گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. بوشلۇقتىن باغراش كۆلى سۇلۇق يېرىگە نەزەر سالغاندا، 600 مىڭ مو كېلىدىغان كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى قومۇشلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، يېشىل قومۇشلۇق بىلەن سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
باغراش كۆلى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇلۇق كۆلى بولۇپ، كۆل رايونىدا مول بېلىقچىلىق بايلىقى بار، كۆلنى ئايلىنىپ ئۆسكەن قومۇشلار ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداش، كىلىماتنى تەڭشەش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ياۋا قومۇشلارنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، بۈك-باراقسان قومۇشلار باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، سۇ قۇشلىرى ماكانلىشىدىغان تەبىئىي شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى. (مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى بو پېڭ، فېڭ چاۋ)
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى