تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەنخۇي ۋۇخۇ: تيەنمېننى كېسىپ چۇجياڭ ئۆتەر بەكمۇ شىددەتتە

   تيەنمېننى كېسىپ چۇجياڭ ئۆتەر بەكمۇ شىددەتتە، شىمالغا تولغىنار ئېقىن، بۇ دەم ھەيۋەتتە. ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھىرىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان تيەنمېنشەن تېغى لى بەينىڭ «تيەنمېنشەن تېغىغا نەزەر» ناملىق شېئىرى بىلەن داڭلىق. دەريادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تيەنمېنشەن تېغى خۇددى پىچاق بىلەن كەسكەنگە، پالتا بىلەن چاپقانغا ئوخشايدۇ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسى بۇ يەرگە كەلگەندە بىر ئاز «ئۈچەككە كىرىپ» يەنە داۋاملىق ئالغا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە تاغ شەكلى، سۇ شارائىتىدىن تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەر تيەنمېنشەن تېغىنى مەدھىيلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى قالدۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

   يۈك پاراخوتلىرى تيەنمېنشەن تېغى يېنىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يولىدا كېتىۋاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما نىڭ فوتوسى

   يۈك پاراخوتلىرى تيەنمېنشەن تېغى يېنىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يولىدا كېتىۋاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما نىڭ فوتوسى

   تيەنمېنشەن تېغىدىن سۈرەتكە تارتىلغان ئالدىراشلىققا تولغان چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يولى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما نىڭ فوتوسى

   تيەنمېنشەن تېغى مەنزىرە رايونىدىكى لى بەينىڭ ھەيكىلى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ مۇ فوتوسى

   ئەنخۇي ۋۇخۇدا سۈرەتكە تارتىلغان تيەنمېنشەن تېغى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شياۋ بېنشياڭ فوتوسى)

   ساياھەتچىلەر تيەنمېنشەن تېغى ئېتىكىدە سەيلە قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شياۋ بېنشياڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.