تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى! تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى

  5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كۈندىلىك يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1368.18 توننىغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

   5-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 100 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، جەمئىي 108 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %63.02 ئاشتى. بۇ نەتىجە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئىقتىدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

    خەلقئارا يۈك، پوچتا يوللانمىسى سانلىق مەلۇماتى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق تۈگۈنىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، خەلقئارا يۈك، پوچتا يوللانمىسى مىقدارى 39 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، %36.42نى ئىگىلەپ، ئېشىش سۈرئىتى %539.26كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرى، خام-يېڭى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىقلار ئېشىشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى. دۆلەت ئىچىدىمۇ ئوخشاشلا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى 68 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، %63.58نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.26 ئاشتى.
  ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى يۈك توشۇش ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يۈك بېكىتىنى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇش» «ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىدىن بىۋاسىتە مال ئېلىش» قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، ماللارنى يېقىن ئەتراپتا يىغىش-تارقىتىش، تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۆتكەپ توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇردى، نۆۋەتتە ئالمۇتا، تاشكەنت، بۇداپېشت قاتارلىق بىرقانچە خەلقئارا يۈك تىرانسپورت قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەت، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىگە ئايلانماقتا.
  كەلگۈسىدە، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى يۈك تىرانسپورتى كاپالەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

«ئۈرۈمچى شەھىرى نۆل ئارىلىق» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.