كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر چۈشتە ئۈستەلدە دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر «ئاق قۇ بويۇن»نى قوغلىشىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بەزىلەر سۈرەتكە چىرايلىق چۈشۈش ئۈچۈن، دائىم بوينىنى ئۇزۇن سوزۇۋالىدۇ. بىراق، ئۇلار بۇ قىلمىشلارنىڭ ئاندا-ساندا قىلسا زىيىنىنىڭ ئېغىر بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما، ئۇزۇن مۇددەت قىلسا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ ئۆزگىرىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ تۈزلىنىپ قېلىشى، ھەتتا، يۇلۇننىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
ئۇنداقتا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئىپادىلىرى ۋە زىيىنى بار؟ قايسى ئادەتلەر بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ كاردىن چىقىشىنى تېزلىتىپ، بەدەننى «پالەچ» قىلىپ قويىدۇ؟

«جۇڭگودا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى