يۈرەكنى پۈتۈن بەدەنگە داۋاملىق، كۈچلۈك قان يەتكۈزىدىغان قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇنىڭ «قىزىقىشى»نى بىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا ئالتە خىل ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرغاندا، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردىمى بولىدۇ.
1. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، تۇز مىقدارىنى تىزگىنلەش
مېۋە-چىۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك يېيىش. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر جىڭ كۆكتات، يېرىم جىڭ مېۋە يېيىش؛ گۈرۈچ، ئاق ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا بۇغداي، قىزىل پۇرچاق قاتارلىقلارنى قوشۇش ياكى ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، كۆممىقوناقنى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك.
يېتەرلىك مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىش. بېلىق، توخۇ گۆشى قاتارلىق ئاق گۆشلەرنى كۆپرەك يېيىش؛ مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپەيتىش كېرەك.
تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تىزگىنلەش، كۈنلۈك تۇز مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
2. سەككىز ئۈلۈش تويۇش
زىيادە كۆپ يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش تەس بولۇپ، قورساق كۆپۈپ بىئارام بولۇپ، دىئافراگما مۇسكۇلىنىڭ ئورنى ئۆرلەپ، يۈرەكنىڭ نورمال قىسقىرىشى ۋە كېڭىيىشىنى چەكلەپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەك تويۇپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3. ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۇيقۇسى يەتتە سائەتكە يەتمىسە، يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىسى بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەر ئادەتتە 8 ~ 7 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ياشانغانلارمۇ 6 ~ 5 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
4. ھەر كۈنى كۆپرەك سۇ ئىچىش
چوڭلار ھەر كۈنى 1700 ~ 1500 مىللىلېتىر سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، تەخمىنەن سەككىز ئىستاكان (ھەر بىر ئىستاكان 200 مىللىلېتىر). يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىشى كېرەك؛ بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغانلار سۇ ئىچىش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىشى كېرەك.
5. تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش
مەيلى تەشەببۇسكار ياكى پاسسىپ تاماكا چېكىش بولسۇن، ھەممىسىلا ياللۇغ، قان نۆكچىسى قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەرنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىسپىرتمۇ يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىغا پايدىسىز، ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك ئىسپىرت قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 25 گىرامدىن تۆۋەن بولۇشى، ئاياللارنىڭ 15 گىرامدىن تۆۋەن بولۇشى، ھەر ھەپتىدە 100 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
6. ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش
ئۇزاق مۇددەت بېسىم ئاستىدا تۇرغاندا، بەدەندىكى كورتىزول، بۆرەك بەز ھورمۇنى قاتارلىق ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيەسى كۆپىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بېسىم ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى