تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2025-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلىتېكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن دىڭكاڭ خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى ئىجرا قىلغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2025-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېنىك ئاتلىتېكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 64 ۋەكىللەر كوماندىسى، 1435 تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ.

 باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. ما شىئېر فوتوسى

  ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، مۇسابىقە تۈرى ئەڭ كۆپ، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش قاتارلىق جەمئىي 134 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېنىك ئاتلىتېكا تەنھەرىكىتىنىڭ يادرولۇق ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان. مۇسابىقە مەيدانىدا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى سۈرئەت ئارقىلىق قايناق ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، كۈچ ئارقىلىق سالاپەتنى نامايان قىلىپ، قىزغىن ھېسسىياتى ئارقىلىق ياشلىق باھارى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈپ چىقىدۇ.

 باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. ما شىئېر فوتوسى

 باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. ما شىئېر فوتوسى

 باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. ما شىئېر فوتوسى

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 于俊雅

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.