تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | مېترو لىفىتىغا چىققاندا، سىز يەنە «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش»نى داۋام قىلىۋاتامسىز؟

شاڭخەي مېتروسى «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلماي، «چىڭ تۇرۇش، تايىنىپ تۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلدى. جياڭ دىۋېن فوتوسى (ماتېرىيال سۈرەت)

   يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى بايقىشىنى ئېلان قىلدى، مېترو لىفىتىدا قاتار كەتكەن «كىچىك ئاياغ ئىزى» پەيدا بولدى. بېيجىڭ مېترو تىرانسپورت تىجارىتى قىلغۇچى تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئاياغ ئىزلىرى يولۇچىلارغا «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش»نىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، يانمۇيان ئۆرە تۇرۇشنى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئوخشاش مەزگىلدە، چېڭدۇ مېتروسىمۇ تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش» تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، «بىز تەشەببۇس قىلمايمىز»، دېدى.

   لىفىتتا «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش» دېگىنىمىز، يولۇچىلار لىفىتقا چىققاندا ئامال بار لىفىتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، سول تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ئۆتۈشىگە بىر يول قالدۇرۇپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىلگىرى بىر مەھەل لىفىتقا مەدەنىي چىقىش دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرغۇن شەھەرلەر بۇ بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى __ شاڭخەي مېتروسى 2012 ـ يىلىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇردى؛ بېيجىڭ مېتروسى 2018 - يىلىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇردى، 2019 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئۇسۇل ئۈزۈل-كېسىل توختىتىلدى ھەمدە «لىفىتتا مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش مەنئىي قىلىنىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەندى، بۇ لىفىتتا مېڭىش مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ «سانلىق مەلۇمات»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقتىن.

  بىرىنچىدىن، مېترو تىرانسپورت شىركىتى ئىستاتىستىكا قىلغان تىرانسپورت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇزاق مۇددەت «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش» لىفىتقا ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدىكەن، ئۇ تەڭپۇڭلۇقتا ئېغىش پەيدا قىلىپ، «سول تەرەپتە يۈرۈش»تە لېفىتنىڭ سول  تەرىپىنىڭ يۈكى يېنىكرەك، ئوڭ تەرىپىنىڭ يۈكى ئېغىرراق بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يانتۇلۇق پەيدا بولىدىكەن. %95 لىفىتنىڭ بۇزۇلۇشىنى لىفىتنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىشى تەكشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  ئىككىنچىدىن، «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش» لىفىتنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەر «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش»تا، لىفىت ھەر مىنۇتتا 81 يولۇچىنى توشۇيالايدىكەن، ئىككى تەرەپتە بىرلا ۋاقىتتا ئادەم تۇرسا، 113 يولۇچىنى توشۇيالايدىكەن، شۇڭا «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش» قارىماققا ئاز ساندىكى يولۇچىلارنىڭ ۋاقىت قوغلىشىغا قولايلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ يولۇچىلار لىفىتنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توسۇلۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم لىفىتتا ماڭسا، ئاسانلا ھادىسە كېلىپ چىقىدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسىم لىفىت ھادىسىسىنى كىشىلەرنىڭ مېڭىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  شۇڭا، بارغانسېرى كۆپ شەھەرلەر «سول تەرەپتە مېڭىش، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇش»نىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىماقتا، ئالدىرايدىغان يولۇچىلار پەلەمپەيدىن مېڭىشنى تاللىشى كېرەك. دەرۋەقە، ئەسلىدە «مەدەنىي» دەپ قارالغان بىر بەلگىلىمە چەكلەندى، بەزى يولۇچىلار ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈلگۈرەلمەيۋاتىدۇ، بەزى يولۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدا يەنە قوبۇل قىلىش دەۋرىيلىكى بار. ئالاقىدار ئورگانلار ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇ بەلگىلىمىنى تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان ئىكەن، تەشۋىقات سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ كۆز قارىشىنى تېزدىن ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.