
ئۆسمۈر-بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كەلگۈسى جەڭگىۋار قوشۇن، پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر-بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان چوڭ مەكتەپ. يېڭى مۇساپىدە، پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دىققەتنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۆزلەپ، كەڭ پىيونېرلارنى ۋەتەننى سۆيىدىغان، دۆلەتنى سۆيىدىغان، تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.
— 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇشۇنداق تەكىتلىدى