بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلدى ھەم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يېقىندا ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى 919-نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، 1955-يىلى قۇرۇلغان، 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرا سىنپى تەسىس قىلغان، 1982-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ يىل 6-ئايدا، بۇ مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قايتا باشلاپ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەڭ تەسىس قىلىنغان تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، مەزكۇر مەكتەپ بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تولۇق 1-يىللىققا تۆت سىنىپ، جەمئىي 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى يوق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىردەك قاتناپ ئوقۇيدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان رەسمىي ھۆججەتنى ئاخىرقى ئۆلچەم قىلىدىكەن.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى