تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ

   5-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، شىنجاڭدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەدەنىيەت پەنلىرى بىرتۇتاش ئىمتىھانى نەتىجىسى ئومۇمىي نومۇرى ئاساسىدا بەلگىلىك نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدىكەن؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىش شەرتىگە توشقانلىرىنى ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى ئۆزى تەكشۈرۈپ قارار قىلىدىكەن. ئوخشاش بىر ئوقۇغۇچى ئەگەر كۆپ تۈردە نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ نومۇر قوشۇلىدىغان بىر تۈردىكى نومۇرغا ئېرىشەلەيدىكەن ھەمدە 20 نومۇردىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

   ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى نومۇر قوشۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بېكىتىپ، ئىمزا قويىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ (ئاساسلىق يول ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى، ئاخبارات تاراتقۇلىرى، شۇ جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، سىنىپ) باشقىچە پىكىر چىقمىغاندىن كېيىن، چوقۇم «نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى جەملەپ تىزىملاش جەدۋىلى»نى تولدۇرۇشى شەرت ھەمدە ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىگە يوللىنىدۇ. يۇقىرىغا مەلۇم قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.

   نومۇر قوشۇش شەرتى تۆۋەندىكىچە:

  (1) ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

  (2) ئارمىيەدىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە شەرەپ بىلەن 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى ئۇرۇش رايونى (چوڭ ھەربىي رايون)دىن يۇقىرى ئورۇن تەرىپىدىن شەرەپلىك نام بېرىلگەن ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

  (3) ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، خۇاچياۋلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە تەيۋەن ئۆلكىسىلىك (تەيۋەن نوپۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)  ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

  (4) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست (خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى كۆرسىتىدۇ)نىڭ ئادەتتىكى تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق «جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى»غا ئىمتىھان بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

  (5) ئادەتتىكى تۈر ۋە ئايرىم تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە 15 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. ئادەتتىكى تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان خۇيزۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە 5 نومۇر قوشۇپ بېرىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.