شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى −
چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«ئۆگىنىش» جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلدى، «تەكشۈرۈش» جەھەتتە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كەلدى، «تۈزىتىش» جەھەتتە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاددىي، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى «ئۆگىنىش» ئارقىلىق ئاساس سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى ئەينەن ئۆگىنىشكە، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى. ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 114 نەپەر ياش كادىرنى تۆت نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىغا ئايرىپ، ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، «باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش + يېشىپ چۈشەندۈرۈش + مۇھاكىمە قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ياش كادىرلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا يەنە ئۆگىنىشى، يەنە ئۆزلەشتۈرۈشى، يەنە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىسلەرنى مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، دەل جايىدا تەكشۈرۈش، دەل جايىدا تۈزىتىش ئۈچۈن ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، پارتىيە ياچېيكىسى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈردى، تىرىشىپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈردى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈردى. مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى، مەركەزلىك تۈزەشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، پىكىر ئېلىش ساندۇقى تەسىس قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىدە بىرمۇبىر تەكشۈردى، نازارەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش رايونى، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش، سۇ ھەققى يىغىش ـ تاپشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىشتە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئاشلىقتا بىخەتەرلىك ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ساختا تاۋار ياساش، سېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دىققەتنى نۇقتىلىق ھالدا گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ـ تىجارەت ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ساختىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ساختا ئىزاھات، ساختا ماركا چاپلاش قاتارلىق قالايمىقان قىلمىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئىجازەتنى تەستىقلاشنى چىڭىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش، توردا ۋە تور سىرتىدا ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن دەل جايىدا كۈچەپ، ساختا، ناچار گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ياساش، سېتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى.
شىنجاڭ داشۆدە، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئىش بېجىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكى مىكرو مۇلازىمەت ئارقىلىق مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئالدىن كېلىشىپ قويغان ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەق مەيداندا پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلايدۇ، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. «مەكتەپ رەھبەرلىرى كۈتۈۋېلىش كۈنى» خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. كېيىنكى قەدەمدە، مەكتەپ سىجىل تۈردە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەزمۇننى بېيىتىپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ئالدىن كېلىشىش − رەھبەرلەر كۈتۈۋېلىش − پىكىر توپلاش − مەسىلىلەرنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش − ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش − نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىش − ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار باھالاش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرىدۇ.
كورلا شەھىرى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى نىشانلىق ھەل قىلدى. دىققەتنى تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەر قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئۆي ـ مۈلۈك كىنىشكىسىنى بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەسمىيىتى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، ئەدلىيە جەھەتتىن ئارىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 48 ئولتۇراق رايون، 20 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆينىڭ «كىنىشكا بېجىرىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئاممىنىڭ «ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش، كۆپ قاتراش» قاتارلىق توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى 200دىن ئارتۇق كۆپ بېجىرىلىدىغان مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى پۈتۈن جەريانلىق ھېس قىلىشقا تەشكىللىدى ھەم بېجىرىشكە ياردەم بېرىش كۆزنىكى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ داۋالاش ساھەسىدە، پۈتۈن شەھەردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى، ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر نومۇر ئۈچ كۈن ئىناۋەتلىك بولۇش» خەلققە قولايلىق تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.
«باھار شامىلى ئىش ئورنى يەتكۈزۈش» مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلدى؛ «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» يار ـ يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ يەر ئىشلىتىشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى... غۇلجا ناھىيەسى دىققەتنى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «كارخانىلارغا بىرلىكتە نەپ يەتكۈزۈش» بويىچە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، 28 ساھە، تارماق، 18 يېزا ـ بازارنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، «ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش نۇقتىسىدىن 23نى تەسىس قىلىپ، «نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش + بۇلۇت تېرمىنالىدا قوبۇل قىلىپ بېجىرىش»تىن ئىبارەت قوش يول ئارقىلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دائىر ئىلتىماس ـ تەلەپتىن 56نى توپلاپ، بېجىرىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى.
ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى دىققەتنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى «خىزمەت توپىغا باغلىنىپ قېلىش» «داكا قىلىش ئۈچۈن قىينىلىش» قاتارلىق ئاغرىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزىدى. «نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش + پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىش + تېخنىكىلىق چارلاپ تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت تۈزەش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئارتۇقچە خىزمەت توپىدىن جەمئىي 142نى تازىلىدى، ئىقتىدارى تەكرارلانغان، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولمىغان مەمۇرىي ئىشلارغا ئالاقىدار 15 كىچىك پىروگراممىنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «رەقەم ئارقىلىق يۈكنى يېنىكلىتىش» ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ھەرىكەتچان ئىجازەت بېرىش ـ چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «بارماق ئۇچى يۈكى»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ، كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئەمەلىي خىزمەتكە سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «بارماق ئۇچى» دۇرۇس ئىستىلى ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ئىستىل ياراتتى.
(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، لۇ فېڭباۋ، دۇ جيەنخۇي)






