5-ئاينىڭ 21-كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى تاشمىلىق يېزىسى قوغۇن ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى ئەگمە پارنىكتا، قوغۇنچى دېھقانلار قوغۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پېلەكلەرنى رەتلەش، پۇتاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 2022-يىلى 10-ئايدا، بۇ يېزا چۆللۈكتە مىڭ ئەگمە پارنىك ياساپ، تۇپراقنى ياخشىلاش، ئۆستەڭ چېپىش، ئەلا سورتلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق بازىسى بەرپا قىلدى. بۇ بازىدا ئۆستۈرۈلگەن ئەگمە پارنىك قوغۇنلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ باشلىرىدا بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

قوغۇنچى دېھقان پېلەكلەرنى رەتلەش، پۇتاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

يوغان-يوغان قوغۇنلار پېلەكلەرگە تولۇپ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
مەنبە: قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى گۈلنىگار، خوۋ جيەن)