يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرىنى تەشۋىقات، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گۇڭئەن قاتارلىق كۆپلىگەن تارماق بىلەن بىرلىشىپ، «2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان مۇلازىمىتى كاپالىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتىكى تەشۋىقات، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئېلىپ بېرىلىشىغا ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئامانلىق ساقلاش، سەپەرگە چىقىش، ياتاق-تاماق، داۋالاش-سەھىيە، شاۋقۇننى تىزگىنلەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بولغان غەمخورلۇق كۈچەيتىلىپ، دىققەت ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش، ئىمتىھان بېرىش جەريانىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يان تېلېفون، سومكا قاتارلىق بۇيۇملىرىنى ساقلاش نۇقتىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەسىس قىلىنىپ، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشى مۇۋاپىق قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
«ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى تازىلاش» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەتلەر سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىمتىھان سەمىمىيەت تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىمتىھانغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقات، خاتا يېتەكلەش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، سەمىمىي ئەسكەرتىش، رەددىيە بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر پائال ياخشى ئىشلىنىپ، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، ئىللىق، ئىناق بولغان ئىمتىھان مۇھىتى پائال بەرپا قىلىنىدۇ.
ئىمتىھاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى داۋاملىق ھەقسىز، ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق، چۈشىنىشلىك بولغان ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك تەشۋىقات-لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى، مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئېچىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدا «يۈزتۇرا» پىكىر ئالماشتۇرۇش يولى بەرپا قىلىپ، تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىش، توردا مەسلىھەت بېرىش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى پائال قوللىنىپ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «قۇياش نۇرىدا ئارزۇ تولدۇرۇش» ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىشىنى سورايمىز. (مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جوۋ پېيپېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى