□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
باش يازدا بارلىق مەۋجۇداتلار گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن دىققەت قىلىۋاتقان نەزەرىنى ئۆزىگە تارتتى. 2025 - يىللىق شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى «يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار» كۇچا شەھىرىدە قەرەلىدە ئېچىلدى.
بۈگۈنكى شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا. دەل مۇشۇ پەيتتە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەزىز مېھمانلار كۇچاغا جەم بولدى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى تونۇشتۇرۇلدى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى، بۇ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ساياھەتچىلىك روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپى. 2024 - يىلى، مەملىكەتلىك ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش داۋامىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا كىرگۈزۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، ماركا يارىتىش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشقا كۈچەپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنى سىجىل ياراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى كۈنسېرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلاندى.
شىنجاڭ ئۇدا نەچچە يىل يۇقىرى ئۆلچەملىك ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنى ئېچىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە، تۈزۈم كاپالىتى ئاساسىنى پۇختىلاشتىن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساياھەتنى «تەۋسىيە قىلغۇچى» بولۇشىغىچە، ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېنىق سىگنالنى سىجىل تارقىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىشەنچى ۋە قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتماقتا. بۇ قېتىمقى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپ توپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2025 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ، كەسىپلەر توپى تەرەققىياتىنىڭ «يول خەرىتىسى» ۋە «سۈرئەت جەدۋىلى» سىزىپ چىقىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا «كەچكى شەپەقتە دىسكو ئويناش»تەك رومانتىك قىزغىنلىق، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىدىكى چاڭ - توزاندا ئۇرغۇغان قايناق ھېسسىيات، ئۇيسۇن قەدىمىي يولىدا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان پىيادە دالا ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى، ئالتە شۇئار كوچىسىدىكى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان «ئالما ھىدى»، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدا نامايان بولغان مول ۋە قىممەتلىك تارىخىي جەزبدارلىق، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى كونا چايخانىلىرىدىن يىراق - يىراقلارغا تارالغان چاينىڭ خۇش ھىدى... تاغ - دەريالىرى كۆركەم بولغان تەبىئىي گۈزەللىككە، كۆپ خىللىق يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت جەلپكارلىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ئىناقلىق گۈزەللىكىگە، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئېچىۋېتىش قىياپىتىگە ئىگە شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقى ئىستېرېئولۇق، مول، ئىچكى مەزمۇنى چوڭقۇر، لېكىن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى يەنىلا چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشكە، تېزدىن ئىجادىي ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كىشىنى بىر كۆرۈپلا خۇشتار قىلىپ قويىدىغان «ھۆسنى» ساياھەتچىلەر بىلەن شىنجاڭنى ئۇچراشتۇردى، دېسەك، ئۇنداقتا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى شىنجاڭنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ، بۇ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ جۇڭگو ھەتتا دۇنيادىكى ساياھەتچىلەر ساياھەت قىلىدىغان مەنزىلگاھ بەرپا قىلىشى، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇقەررەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېلان قىلىنغان يىرىك پىلانغا نەزەر سالساق، شىنجاڭ «بىر يادرو، ئۈچ بەلباغ، تۆت مەركەز، كۆپ تۈگۈن»دىن ئىبارەت كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە ئۈچ چوڭ ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرى ۋە 12 تۈرلۈك خاس كەسىپنى مەركەزلىك بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەسىپ ئورۇن بېكىتمىسى، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يولغا قويۇش يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، كۆپ كەسىپ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، رايونلار ماسلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان «چوڭ مەدەنىيەت - ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى رايونلار ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلىدىغان، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان تۈۋرۈك كەسىپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
«ئارزۇدىكىدەك جاي» بەختلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغاندا، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى بىزگە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلساقلا، گۈزەل شىنجاڭ مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سالاپىتىنى نامايان قىلىدۇ.