5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىش، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ھەمدە ئېلان تىجارىتى ئورۇنلىرىنىڭ ئىمتىھانغا ئالاقىدار مۇلازىمەت، سودا ئېلان-تەشۋىقاتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىش ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلىپ، 2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى ئېلان بازارلىرىنىڭ تەرتىپىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئىمتىھانغا ئالاقىدار تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىش، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ھەمدە ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار «سوئالنى ئالدىن پەرەز قىلىش»، «ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش»، «نومۇر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ياكى مائارىپ، تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە قارىتا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن كاپالەت بېرىش خاراكتېرلىك ۋەدە مەزمۇنى بار ئېلانلارنى بېرىشكە بولمايدۇ.
«سوئال چىقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى» قاتارلىق ئالاقىدار ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ياكى ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، ئىمتىھان سوئالى چىقارغۇچى خادىملارنىڭ مائارىپ، تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئەسكەرتىلگەن ئېلانلارنى بېرىشكە بولمايدۇ.
پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىلمىي ئاپپاراتلار، مائارىپ ئاپپاراتلىرى، كەسىپ جەمئىيەتلەر، كەسپىي زاتلار، مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ نامى ياكى ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ تەۋسىيە قىلىش، ئىسپاتلاش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى بېرىشكە بولمايدۇ.
ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى قەستەن كۆپتۈرۈپ، «ئىچكى ئۇچۇر»، «ئىچكى سانلىق مەلۇمات»، «ئالاھىدە يول» ياكى «ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئاتا-ئانىلارنى ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىشقا ئازدۇرىدىغان مەزمۇندىكى ئېلانلارنى بېرىشكە بولمايدۇ.
تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئاتا-ئانىلاردا تەشۋىش پەيدا قىلىش، ئاممىنىڭ مائارىپ قارىشىنى خاتا يېتەكلەش قاتارلىق «ئىككىنى يېنىكلىتىش» سىياسەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپ مەزمۇندىكى ئېلانلارنى بېرىشكە بولمايدۇ.
ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سايمانلىرىنى سېتىش ئېلانلىرىنى بېرىشكە بولمايدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق ئەسكەرتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىمتىھانغا ئالاقىدار تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىش، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ھەمدە ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئېلان پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساختا، قانۇنغا خىلاپ ئېلانلارنى بېرىشنى توسۇشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلان-تەشۋىقات مەزمۇنىنى تەپسىلىي پەرقلەندۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى، كەڭ ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەت قىلىشىنى، ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار بايقالسا، دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلاپ قېلىشىنى ھەم 12315 قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ ئەرز قىلىپ پاش قىلىشىنى ئەسكەرتتى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى