تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

باغچە شەھەر كۆكدالا

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۆكدالا شەھىرىنىڭ مەنزىرىسى.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) ئىلى دەرياسى سۈيىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، كۆكدالا شەھىرى 29 شەھەر باغچىسىنى قان تومۇر قىلىپ، %48لىك شەھەر رايونىنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتىنى ئاساسىي رەڭ قىلىپ، «شەھەر باغچە ئىچىدە، باغچە شەھەر ئىچىدە» بولۇشتەك ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى. بۇ جاي يېڭىدىن قۇرۇلغان شەھەرلەرنىڭ كۆكەرتىش ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «قويۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر شامالدا يېنىك دولقۇنلاپ تۇرىدۇ، توپ-توپ قوي-كالىلار ئەركىن ئوتلاپ يۈرىدۇ» دېگەن شېئىرىي تۈسنى زامانىۋى شەھەردە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىللە ياشايدىغان گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇردى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۆكدالا شەھىرى ئىلى ئالاھىدە ھارىقى مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، قۇياش نۇرى كۆكدالا شەھىرىگە چۈشكەندە، شەھەر كوچىلىرىدا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلىدى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، كۆكدالا شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كۆكدالا شەھىرىدىكى بىڭخې باغچىسىدا ئارام ئېلىپ سالقىندىماقتا.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئىشچىسى توكسىكلىت مىنىپ كۆكدالا شەھىرىدىكى كوچىلاردىن ئۆتمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.