5-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى گۈل ئۆستۈرۈش باغچىسىدا
چوغلۇقلار قىپقىزىل ئېچىلدى
قات-قات گۈل بەرگى شەپەق نۇرىدەك كۆزنى قاماشتۇرۇپ
گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى گۈل ئۆستۈرۈش باغچىسىدىكى چوغلۇق گۈل دېڭىزى.
مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
«ھازىر باغچىدىكى چوغلۇقلار راسا ئېچىلىش مەزگىلىگە كىردى. 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، بىز چوغلۇق ئۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى كېلىپ كۆڭلىگە ياققان گۈللەرنى ئۈزسە بولىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى سېتىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شيې ليۇجيې.
چوغلۇق جياڭلى، لىساۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق گۈل بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «گۈللەر تاجىسى (花相)» ۋە «گۈللەر پەرىسى (花仙)» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھازىر، دەل ئۈرۈمچى شەھىرىدە چوغلۇقنى ئۈزۈش، سېتىش مەزگىلى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى چوغلۇق ئۈزۈش پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە (ھەر كۈنى سائەت 10:30دىن 18:30غىچە) داۋاملىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانىغا بېرىپ، 20 مو كېلىدىغان چوغلۇق ئۈزۈش رايونىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان چوغلۇق سورتىنى تاللاپ، ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ، سېتىۋېلىپ، يېڭى ئۈزگەن گۈللىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتسە بولىدىكەن. ئۈزۈش پائالىيىتىدە يەنە كەسپىي خادىملار نەق مەيداندا بۇ توغرىلىق بىلىملەرنى سۆزلەپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۈزۈش ھېسسىياتىغا ئىگە قىلىدىكەن.
يېڭى ئۈزۈلگەن چوغلۇق گۈللىرى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى گو جۈنگې فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش مەيدانى ھازىر بازارنى تەمىنلەۋاتقان چوغلۇق گۈلىدىن ئاساسلىقى يىلىنى چيۇجاڭ، شۆفېڭ، چىڭۋېن، باسىلا قاتارلىق 11 خىل سورت بار ئىكەن.
«ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرى ئۈزۈش رايونىدا بولمىغان ئالاھىدە سورتلۇق چوغلۇق گۈلىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسە، خىزمەتچى خادىملار ئۈزۈپ ئوراپ قاچىلىغان يېڭى گۈللەرنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتسىمۇ بولىدۇ» دېدى شيې ليۇجيې.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: يېڭى ئۈزۈلگەن چوغلۇق گۈلىنى ساپ شۆبى ياكى ساپ مەيدۇڭ ئىچىملىكى بىلەن پەرۋىش قىلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چېچەكلەش مەزگىلىنى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئەگەر سۈزۈك سۇدا پەرۋىش قىلماقچى بولسا، سۇغا ئازراق مۇز پارچىسى سېلىۋەتسە، چېچەكلەش مەزگىلىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى