تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

تۇنجى قېتىملىق جېجياڭ نىڭبو − شىنجاڭ كۇچا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياشانغانلار ساياھەت مەخسۇس پويىزى كۇچاغا يېتىپ كەلدى

   تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) خەلق مۇزىكىلىرى تەڭ ئورۇنلىنىپ، ناخشا-ئۇسسۇل ئەۋجىگە چىقتى، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جېجياڭ نىڭبو − شىنجاڭ كۇچا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياشانغانلار ساياھەت مەخسۇس پويىزى كۇچا ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، شۇ جايدىكى ئامما شادىيانە ناخشا-ئۇسسۇللار بىلەن نىڭبو، خاڭجوۋ، شاڭخەي قاتارلىق چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىكى شەھەرلەردىن كەلگەن 317 يولۇچىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياشانغانلار ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كۇچا ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياشانغانلار ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كۇچا ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

   «بۇ مېنىڭ كۇچاغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، پويىزدىن چۈشۈپلا شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ قېتىم كۈسەن تار كوچىسىنى ئايلانغاندا، چوقۇم كۇچا چوڭ نېنى، سامسىسى، كاۋىپىنى تېتىپ، بۇ يەرنىڭ قويۇق خەلق ئۆرپ-ئادىتى، گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تائاملار مەدەنىيىتىنى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىمەن.» دېدى جېجياڭ نىڭبودىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ ھەدە.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياشانغانلار ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كۇچا ۋوگزالىغا يېتىپ بارغان ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك ھالدا ۋوگزالدىن چىقماقتا.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرى يول يۈرۈشى قولايسىز ساياھەتچىلەرگە قولاي مۇلازىمەت قىلماقتا.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەخسۇس پويىزغا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يېتەكچىلىك قىلغان، جېجياڭ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى، شاڭخەي تۆمۈريول گۇرۇھ شىركەتلىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە يولغا قويغان بولۇپ، 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى نىڭبودىن يولغا چىققان. بۇ، 2025-يىللىق تۆمۈريول ساياھىتى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى قاتارلىق توققۇز ئورۇننىڭ «ياشانغانلار ساياھەت پويىزلىرىنى كۆپەيتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياشانغانلار ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كۇچا ۋوگزالىغا يېتىپ بارغان ساياھەتچىلەر ۋوگزال سۇپىسىدا مىللىي چالغۇلارنى چېلىپ ھۇزۇرلانماقتا.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ياشانغانلار ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كۇچا ۋوگزالىغا يېتىپ بارغان ساياھەتچىلەر ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئالماشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.