تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى ۋە خەۋىرى) «ئىلگىرى سىرتلاردا ئىشلەپ يۈرگەچكە ئۆيگە يېتىشەلمەيتتىم، ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىشلەپ يۈرۈپ ئايلىق كىرىمىم 3000 يۈەندىن ئاشتى، يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيمەن.» كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى يوڭكۇ تۇڭشىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەدىنە تۇر «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى» رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتىدا تېمپېراتۇرىنى كونتىرول قىلىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىسىدا مەشغۇلات قىلغاچ شۇنداق دېدى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، خىزمەتچى خادىم رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتىدا تېمپېراتۇرىنى كونتىرول قىلىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
«چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىن شىنجاڭغا نەزەر» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسى زىيارەت ئۆمىكى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى»دىكى رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتىغا كىرگەندە، رەقەملەشكەن پەن-تېخنىكا تۈسىگە ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك ۋە تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ۋاسىتىسى ئۇلارغا يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدۇردى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى يوڭكۇ تۇڭشىن كەنتىدىكى «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى»دا زىيارەتتە بولماقتا.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتىدا بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە.
«بۇ رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتى <كارخانا + كەنت كوللېكتىپى + دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تۇنجى قاراردا 20 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشى مۇمكىن. كېيىنكى 2-قاراردا گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش ۋە تەتقىقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتىنى كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئۈلگىسى بەرپا قىلىنىدۇ». نىڭبونىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش باش قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چياۋچياۋ تونۇشتۇردى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتىدا يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى يىغماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش باش قوماندانلىق ئىشتابى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «قەلبداشلار ئورتاق بېيىش ھۈنەرخانىسى» رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتى، كۆلىمى 6912 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك بولۇپ، سۈنئىي نۇر مەنبەسى ئارقىلىق مايسا يېتىشتۈرۈش، تەبىئىي نۇر مەنبەسى ئارقىلىق ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش بىلەن پۈتۈن مۇھىتنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونتىرول قىلىش سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «دېھقانچىلىق دورىسى، ئېغىر مېتال، ھورمۇن» بولمىغان يۇقىرى سۈپەتلىك مېۋە، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى بەرپا قىلغان.

5- ئاينىڭ 19-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتىدا يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
بۇ تۈر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا يادەم بېرىشتىكى ئۈچ «ئون، يۈز، مىڭ» مەخسۇس ھەرىكىتىدىكى نۇقتىلىق تۈر بولۇپ، جەمىي 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى 15 مىليون يۈەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى 5 مىليون يۈەن بولغان. تۇنجى قاراردا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە بۆلجۈرگەن زاۋۇتى غەربىي شىمال رايونىنىڭ كۈن نۇرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يىل بويى ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مۆلچەرلىنىشىچە، يىلىغا 500 توننىدىن ئارتۇق ئېسىل مېۋە-كۆكتات بىلەن تەمىنلەپ، كۇچانىڭ بازارلىرىدىكى قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى رەقەملىك يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى زاۋۇتىدا سۈرەتكە تارتماقتا.