□شىن شىجيەن
1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ ئېنىقكى «چوڭ ئىش»لارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. يىراق قەدىمكى دەۋردىلا، بۇ جاي نېمىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغان: دېڭىز ئاستى كۆتۈرۈلۈپ تىيانشاننى ھاسىل قىلدى، بېلىق توپلىرى قۇم بارخانلىرىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جاي مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرگە داۋاملىق گۇۋاھ بولماقتا: بۇلۇتلار ئارىسىدىكى كۆككە تۇتاشقان لىنىيەدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى «چاقماق تېزلىكىدە يەتكۈزۈلمەكتە»، مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەرشارىنىڭ تومۇر سوقۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىلمەكتە... نەچچە يۈز مىليون يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۈگۈنكى «چوڭ ئىش»لاردا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل - پاراسەت كۈچى تەبىئەتنىڭ كۈچىنى داۋاملاشتۇردى.
قاراماي نېفىتلىكىنى ئېچىشتىن «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى تۇتاشتۇرۇشقىچە، كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكىنى سېلىشتىن «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى يورۇتۇشىغىچە... بىز تەبىئەت سوۋغىسى بىلەن دەۋر بۇرچىنى گىرەلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى 70 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى، نامراتلىقتىن گۈللىنىشكىچە، ئارقىدا قېلىشتىن ئېچىۋېتىشكىچە بولغان تېز يۈكسىلىۋاتقان شىنجاڭغا گۇۋاھ بولدى.
دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. ھالبۇكى، شىنجاڭغا ماكانلاشقان كۆپ تۈرلۈك چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئومۇمىيىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، مەركەز بېكىتكەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىم كوردىناتىغا ئايلاندى.
غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4200 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ، دۆلىتىمىزدىكى 500 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدۇ. بۇ «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى» جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى مەملىكەت بويىچە سەپلەش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.
«شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، توك يەتكۈزۈش دائىرىسى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يەنە دۇنيا بويىچە «تۆت ئەڭ»نى ياراتتى، بۇ، ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇش، توك يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ بولۇش، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولۇش، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى» بايلىقىنى پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيەدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئەھمىيىتى زور.
بۇ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭ توغرىسىدىكى «ئۇلۇغۋار بايان» بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەختى مۇجەسسەملەنگەن. چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە يۈزلىنىدىغان بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ.
ھالاكەت دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى «تۆمۈريولنى قۇم كۆمۈۋېتىش»تىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى لىنىيە بويىدىكى ئاممىنى خالىغان چاغدا سەپەرگە چىقالايدىغان قولايلىقتىن بەھرىلەندۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىر «تېز يول» ئاچتى.
ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يەكەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇغىرىش شارائىتى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سۇغىرىش رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇزاق يىللىق سۇ ئاپىتى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېغىر بېسىمى بىلەن خوشلاشتۇردى.
...
گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى دەل شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى دۆلىتىمىزنىڭ تونېل قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ «ئۈچ سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.
«غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تەڭشىگۈچى» دەپ نام ئالغان فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى چارلاپ تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى، رەقەملەشكەن ئالدىن قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ قۇرۇلۇشلار «پەن - تېخنىكا + ئاساسىي قۇرۇلۇش» بىرىكمە تەدبىرى ئارقىلىق «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئۇل ئەسلىھە تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ھەم پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدى، ھەم شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك موتورىغا ئايلاندى.
بۇ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىدىن بىز نېمىلەرنى كۆردۇق؟ شەرەپ ۋە بۇرچنى، يەنە ئۇنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى كۆردۇق، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان جاپا - مۇشەققەت بار بولۇپ، ئۇنىڭغا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشى، ھەم ھەر مىللەت قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت ئىشەنچى، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك غەيرىتى مۇجەسسەملەنگەن. كەلگۈسىدە، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ مۇقەررەر دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت قوش رېلىستا «شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى» ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى»غا ھەمنەپەس بولىدۇ.
ئارخىمېد مۇنداق دېگەن: ماڭا بىر تايىنىش نۇقتىسى بەرسە، مەن يەرشارىنى قوزغىتالايمەن. بەيگىگە چۈشكەن تۇلپاردەك تېز ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزگە بىر پۇرسەت بېرىلسە، تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى يارىتىمىز!






