تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

توغراسۇ يايلىقىدىكى گۈل دېڭىزى پورەكلەپ ئېچىلدى! بۇ يەر راستتىنلا بەك گۈزەل

   5-ئاينىڭ 14-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىدىكى توغراسۇ يايلىقى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى.

   يىراققا نەزەر سالغاندا، تاغ گۈللىرى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، دالىنى زىننەتلەپ، بىپايان يايلاقنى رەڭگارەڭ دېڭىزغا ئايلاندۇردى. غۇلجا شەھىرىگە ئەڭ يېقىن يايلاق بولۇش سۈپىتى بىلەن، توغراسۇ ئېگىز-پەس يەر شەكلى، تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسى ۋە ئۆزگىچە ئېكولوگىيە مەنزىرىسى بىلەن داڭلىق.

   ھەر قېتىم تومۇز ئىسسىقتا بۇ يەر تەبىئىي گۈل گىلەمگە ئايلىنىدۇ، ھەر خىل ياۋا گۈللەر شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ، خۇددى ئېقىپ تۇرغان ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.

فوتوگراف: ئارداق بېيىسقان

«كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭ»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.