مەنبە: خەلق تورى
بۈگۈن بىز سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالىمىز. سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمى ئەتىياز بىلەن ياز ئالمىشىدىغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ، بۇ چاغدا تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەپ، يامغۇر تېخىمۇ كۆپىيىپ، مۇزەككەر قۇۋۋەت تولۇقلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز قانداق قىلىپ ئىلمىي كۈتۈنۈشىمىز كېرەك؟ خېنەن جۇڭگو تېبابىتى- دورىگەرلىكى داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن لېي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۆۋەندىكىدەك كۈتۈنۈش ئەسكەرتمىسى بەردى.
كۈندۈز ئۇزۇن، كېچە قىسقا بولىدۇ، چۈشلۈك ئۇيقۇ قوشۇلسا ياخشى
يازدا كۈندۈز ئۇزۇن، كېچە قىسقا بولىدۇ، ياخشى ئارام ئالمىغاندا ئىككىنچى كۈنىدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمىدىن باشلاپ دەم ئېلىشنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك، چۈشلۈك ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاش مۇزەككەرنى ئاسراپ، مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەندىكى مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ھەر كۈنى كەچ سائەت 10دىن 11گىچە ئۇخلاپ بولۇش، ئەتىگەن سائەت 5يېرىمدىن 6 يېرىمغىچە ئورنىدىن تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چۈشتە يېرىم سائەت ئۇخلاش كېرەك.
ھاۋا بەزىدە سوغۇق، بەزىدە ئىسسىق بولىدۇ، كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك
سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمىدە ھاۋا تۇراقسىز بولىدۇ، بەزىدە سوغۇق، بەزىدە ئىسسىق بولىدۇ، شۇڭا كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. كىيىم كىيىشتە ئۆزىنىڭ رايىغىلا قاراشتىن ساقلىنىش، ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتتا قېلىن كىيىنىۋالماسلىق، سوغۇق ۋاقىتتا نېپىز كىيىنىپ مۇزلاپ كەتمەسلىك كېرەك، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ كىيىم-كېچەكلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتى ۋە ئازلىتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نىسپىي تۇراقلىق تۇرۇشىنى ساقلاش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزلاپ كەتمەيدۇ.
مۇزەككەر قۇۋۋەت ئۆرلەيدۇ، مايسىز غىزالىنىش كېرەك
سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمى ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغان مەزگىل بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، روھىي كېسەللىك قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. شۇڭا، مايسىز غىزالىنىشنى ئاساس قىلىش، سېمىز، تاتلىق، مايلىق، ھۆللۈك پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مايسىز غىزالىنىش كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
ھۆللۈك سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمىدىن باشلىنىدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى يوقىتىش كېرەك
ھۆللۈك سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمىدىن باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نەم ھاۋا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىدۇ، تومۇز ئىسسىق كەلگەندە، ئىسسىق، ھۆللۈك ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ، رېماتىزم، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تال ئاساسلىقى ھۆللۈكنى توشۇيدۇ، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسا، ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىزىل پۇرچاق، سىگۇا، ئاق يېسسىمۇق قاتارلىق تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىق چېنىقىش بەدەندىكى تەرنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا بەدەندىكى نەملىكنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن ھەرىكەت بەك قاتتىق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بادۇەنجىن، تەيجى گۇمپىسى، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تاللاشقا بولىدۇ. (مۇخبىر يەن يەن)