ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كىنو كىچىك بازىرىدىكى تەكلىماكاننى ئايلىنىش لاگېرىدا، ئاپتوموبىل ماھىرى ۋۇ جىڭ يولغا چىقىش سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. شۇ كۈنى ئەيپاۋ . 2025-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە يولغا چىقىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئەيپاۋ . 2025-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 5183 كىلومېتىر كېلىدىكەن، 130غا يېقىن ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى 105ى (يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىدىن 10نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، موتوسىكلىت گۇرۇپپىسى 23ى ئىكەن، مۇسابىقىگە جەمئىي 233 ماھىر قاتناشقان، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شەھەردىن ھەم ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا، سېيشېل، چېخ، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلار ئىكەن.
تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى 2005-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 21 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاسىيا بويىچە سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان خەلقئارالاشقان دالا راللى مۇسابىقىسىگە ئايلاندى، 2024-يىلى بۇ مۇسابىقە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خەلقئارا ئاپتوموبىل بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە پىلان جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلۈپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى سىجىل ئاشتى. بۇ يىل مۇسابىقىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، يېشىل بولۇش ئىدىيەسى بىلەن ماھارەت رىقابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش تولۇق نامايان قىلىندى. تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى بىر تۈرلۈك مۇسابىقە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدا مەدەنىيەت -تەنتەربىيە-ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا ھېسابلىنىدۇ.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بوشلۇقتىن تارتىلغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كىنو كىچىك بازىرىدىكى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى لاگېرى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭدىكى دىڭشىن مىسچىلىقى فېيتيې راللى ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ تۆت ماھىرى موتسېكلىتنى ھەيدەپ رەسمىي يولغا چىقماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر موتوسىكلىت ماھىرى كىچىك دوست بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئارتىس ۋۇ جىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

5ـ ئاينىڭ 20ـ كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر چەت ئەللىك ماھىر ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى خىزمەتچى خادىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى