ياز كەلدى، بەلكىم نۇرغۇن كىشى دېڭىزنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ھارغىن تېنىنى ئارام ئالدۇرۇشقا تەقەززا بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
دېڭىزغا بېرىپ سۇ ئۈزۈشتىن بۇرۇن، چوقۇم راھەت، چىرايلىق سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى تاللاشنى ئويلايسىز. بىراق شۇنى بىلەمسىز، سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ راھەت ۋە چىرايلىقىنى تاللىغاندىن باشقا، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
نۇرغۇن ھەرىكەت ھالىتىدە، كىيىم-كېچەكنىڭ رەڭگى قوغدىنىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. ئۇنداقتا، سۇ ئۈزۈش كىيىمى قاتارلىق تەنھەرىكەت كىيىملىرىنىڭ رەڭگىنى زادى قانداق تاللاش كېرەك؟ بۈگۈن بىز ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن كىيىم-كېچەكنىڭ رەڭگىنى تاللاشتىكى بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى.
قانداق رەڭلىك سۇ ئۈزۈش كىيىمى تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ؟
سۇ ئۈزۈش نۇرغۇن كىشى ياز پەسلىدە ياقتۇرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى، كۆپچىلىك (بولۇپمۇ بالىلار)نىڭ سۇدىكى بىخەتەرلىكى ئەڭ مۇھىم، بۇنىڭدا سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ رەڭگى بەلگىلىك بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
مەلۇم كەسپىي ئاپپارات بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئارقىلىق سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ رەڭگىنىڭ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلغان، تەجرىبىدە زال ئىچى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە سىرتتىكى كۆللەردە ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ تىنچ سۇ يۈزى، دولقۇنسىمان سۇ يۈزىدىكى بايقىلىشچانلىقى كۆزىتىلىپ، مۇنداق يەكۈن چىقىرىلغان: زال ئىچى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە سىرتتىكى كۆل سۈيىدە سېلىشتۇرما دەرىجىسى كۈچلۈك بولغان يالتىراق رەڭ تۈرىدىكىلەر ئەڭ ياخشى سۇ ئۈزۈش كىيىمى رەڭگى ھېسابلىنىدىكەن.
يالتىراق قىزغۇچ سېرىق رەڭ، يالتىراق يېشىل رەڭ، يالتىراق ھال رەڭ، يالتىراق قىزىل رەڭ قاتارلىق يالتىراق رەڭ تۈرىدىكىلەر تېخىمۇ روشەن كۆرىنىدىكەن. سۈرەتتە: يالتىراق سېرىق رەڭ ئارىلاشتۇرۇپ تىكىلگەن بالىلار سۇ ئۈزۈش كىيىمى.
(سۈرەت ئامبىرىنىڭ نەشر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلسە نەشر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن)
يالتىراق رەڭلىك سۇ ئۈزۈش كىيىمى بالىلارنىڭ سۇدىكى بايقىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئاتا-ئانىلار ياكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سۇدىكى بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا تېخىمۇ ياردىمى بار. ئاق رەڭ، سۇس كۆك رەڭ، قارا رەڭلىك سۇ ئۈزۈش كىيىمى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، تەجرىبىدە بۇ رەڭلەرنىڭ بايقىلىش دەرىجىسى ناچار بولغان ياكى مۇھىت بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاسان بايقىغىلى بولمىغان. بۇ تەجرىبە يەكۈنىنى ئوخشاشلا چوڭلارنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىگە تەدبىقلاشقا بولىدىكەن.
«پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭگو» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى