تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قومۇل قوغۇنىنى يىل بويى خالىغانچە يېيەلەيدىغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئۆلچەم بويىچە تېرىش + مەملىكەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش

قومۇل قوغۇنىنى يىل بويى خالىغانچە يېيەلەيدىغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر گو زىيى

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىنىڭ خۇڭشەن كەنتىگە بارغىنىمىزدا، سىنك يالىتىلغان پولات تۇرۇبىدىن ياسالغان رەت - رەت سولياۋ يوپۇقلۇق پارنىك جازىلىرى ئېتىزلىقتا سوزۇلغان بولۇپ، 200دىن ئارتۇق ئىشچى كەپشەرلەش، مۇستەھكەملەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «1 - ماي»دىن بۇرۇن، تۇنجى قارارلىق 504 مو يەردىكى پارنىك قۇرۇلۇشىنى تاماملاش مۆلچەرلەندى.

خۇڭشەن كەنتى قومۇل شەھىرىدىكى يادرولۇق قومۇل قوغۇنى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى، قۇرۇلۇۋاتقان قومۇل شەھىرى مىڭ مولۇق قوش پەسىللىك قومۇل قوغۇنى ئۆستۈرۈش بازىسىنى قومۇل شەھىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ يۈرۈشتۈرىدۇ. بازىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1004 مو بولۇپ، ئىككى قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، جەمئىي 35 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

«بازا قۇرۇلۇشى بىلەن مايسا يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ماس قەدەمدە يولغا قويۇلدى، پۈتكەندىن كېيىن قومۇل قوغۇنى مايسىسى شۇھامان كۆچۈرۈپ تېرىلىدۇ، بۇ يىل ئىككى پەسىلدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.» قومۇل شەھىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىش تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ياڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ بازا شىركىتىمىز قومۇل شەھىرى قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ قۇرغان قومۇل قوغۇنى كەسىپ زەنجىرى يۇغۇرما تەرەققىيات تۈرى بولۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى پەرۋىش سىستېمىسىنى كىرگۈزۈش، سۇ، ئوغۇت، تېمپېراتۇرىنى دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەش ئارقىلىق، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى تېزلىكتە %58.7 ئاشۇرغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ھوسۇلنى ئەنئەنىۋى چوڭ ئېتىز تېرىقچىلىقىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

«ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، بىز تۇپراقنىڭ سۇ تەركىبى كۆرسەتكۈچىنى دەل جايىدا كۆزىتىپ ئۆلچەپ، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوش پەسىللىك قومۇل قوغۇنى ھوسۇلى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.» قومۇل شەھىرى قومۇل قوغۇنى مېۋە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى جاڭ گودۇڭ مۇنداق دېدى: مىڭ مولۇق قوش پەسىللىك قومۇل قوغۇنى ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قومۇل قوغۇنى كەسپىنىڭ دەۋرىيلىكى ئۆزگەرتىلىپ، ئەتىياز، كۈز ئىككى پەسىلدە قومۇل قوغۇنىنى ئۇدا ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىپ، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش دەۋرىيلىكى 60 كۈندىن ئارتۇق ئۇزارتىلىدۇ.

قوش پەسىللىك قومۇل قوغۇنى ئۆستۈرۈش بازىسىنى قۇرۇش قومۇل شەھىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك قومۇل قوغۇنى بىلەن يىل بويى مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، قومۇل قوغۇنى بويىچە «ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن 365 كۈن مۇقىم تەمىنلەش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىدىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى.

2024 - يىلىدىن بۇيان، قومۇل شەھىرىنىڭ قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، سۇپىغا قاراشلىق كارخانا − قومۇل قوغۇنى مېۋە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى باشلامچى بولۇپ يولغا قويۇپ، قوغۇن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى خەينەن، يۈننەن قاتارلىق قىشلىق، ئەتىيازلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەۋزەل رايونلارغا ئۇزارتىپ، «پەسىل قۇشى شەكلى»دە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ كۈچ ئۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ئايدا يېڭى قومۇل قوغۇنىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆستۈرۈش بازىلىرىنىڭ قومۇل قوغۇنى مەھسۇلات سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قومۇل قوغۇنى مېۋە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆلچەملەشكەن ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، نەرسە تورى قاتارلىق ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كىلىمات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئەلا سورتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، قومۇل قوغۇنى ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتىشتىكى رايون ۋە كىلىمات چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، گەنسۇ، خېنەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئون نەچچە ئاساسلىق قوغۇن ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا ياز، كۈز پەسىللىك ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ، كۈچ ئۇلاپ نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىپ، قومۇل قوغۇنىنى ھەر يىلى تۆت - بەش قېتىمغىچە ئۇدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە، قومۇلدىن كەلتۈرۈلگەن قومۇل قوغۇنى ئۆستۈرۈش كەسپى «ھاۋارايىغا تايىنىش»تىن «تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش»قا ئۆزگەرتىلىپ، ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان، پۈتۈن ئامىللىق، پۈتۈن زەنجىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، «2025 - يىللىق خەينەن خەلقئارا ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى كەسپى كۆرگەزمىسى ھەم مەملىكەتلىك ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى . تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنياۋى مېۋىچىلىك يېڭى سورت نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يىغىنى − قوغۇن - تاۋۇز مەخسۇس مەيدانى»دا، جۇڭگو ئۆلچەملەشتۈرۈش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو سۈپەتكە ئىسپات بېرىش مەركىزى «قومۇل قوغۇنى سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش» كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۆلچەمدە ئۆستۈرۈش جەريانى، سىرتقى كۆرۈنۈشى، قەنت دەرىجىسى، ئېغىرلىقى قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن ئىنچىكە بولغان دەرىجىگە ئايرىش كۆرسەتكۈچى بېكىتىلىپ، قومۇل قوغۇنىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمىدىكى بوشلۇق تولدۇرۇلۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئۆستۈرۈش بازىلىرى ئۆستۈرگەن قومۇل قوغۇنىنىڭ سۈپىتىگە ئىسپات بېرىش ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلەندى.

«قومۇل قوغۇنى سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش» كوللېكتىپ ئۆلچىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى قومۇل قوغۇنى كەسپىدە مۇكەممەل بولغان «ئۆلچەم + ئىسپات + مۇلازىمەت + داڭلىق ماركا» ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، قومۇل قوغۇنىنىڭ يىل بويى بازارغا مۇقىم سېلىنىشىغا ئاساس سالدى. قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى ئۆلچەمگە ئىسپات بېرىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى يۈەن جېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشى قومۇل قوغۇنى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، كەسىپنىڭ ئۆلچەملىشىش، ئىنچىكىلىشىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە، قومۇل قوغۇنى ئۆلچىمىگە ئىسپات بېرىش مەركىزىنىڭ خەينەن لېدۇڭ ئايرىش مەركىزى، قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى ھەم داڭلىق ماركا ئېقىم مىقدارىنى كېڭەيتىش خۇانەن تىجارەت مەركىزى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، خەينەن، يۈننەن، گۇاڭدۇڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئەشيا ئوبوروتى تورىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قومۇل قوغۇنىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىلىشى، سېتىلىشى ۋە داڭلىق ماركا ئوبرازى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.