□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ ئېرداۋچياۋ مەھەللىسىدە، ئاھالە تاجىگۈل سىيىت بىلەن مەھەللە كادىرى لى خۇڭ 14 يىللىق دوستلۇق مېھرى بىلەن تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
2011 - يىلى، ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن تاجىگۈل كىشىلىك ھاياتنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئاتا - ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان ھاممىسى قان - تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ ماڭالمايتتى، تاغىسىمۇ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانىدى. كەلگۈسىدە پۇل مۇئامىلە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان تاجىگۈل ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى ئالدىدا، ئوقۇشتىن توختاپ تاغىسىنىڭ ئاشخانىسىنى باشقۇرۇپ بېرىش ئويىغا كەلدى.
مەھەللە كادىرى لى خۇڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاشخانىغا كەلدى. پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن تاجىگۈلگە قاراپ، لى خۇڭنىڭ ئىنتايىن ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «ئەخمەق قىز، بىلىمىڭىز ھەم ماھارىتىڭىز بولمىسا، سىز قانداق قىلىپ تاغىڭىزغا ياردەملىشىپ ئاشخانىنى داۋاملىق ئېچىپ كېتەلەيسىز؟»دېدى. لى خۇڭنىڭ ئەستايىدىل نەسىھەت قىلىشى بىلەن، تاجىگۈل ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى، كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى تاللاپ، يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆگەندى.
ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، تاجىگۈل ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتىپ تاغىسى، ھاممىسىغا ياردەملىشىپ ئاشخانىنى باشقۇرۇشۇپ بەردى، لى خۇڭمۇ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاشخانىغا بېرىپ ياردەملەشتى، بۇنىڭ بىلەن تاجىگۈلنىڭ كۆڭلى بارغانسېرى خاتىرجەم بولدى.
تاجىگۈل مەكتەپتە تىرىشىپ ئۆگەندى، قايتىپ كېلىپ ئاشخانىدا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلدى. لى خۇڭ ۋە تاغىسى، ھاممىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، تاجىگۈل بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ئۇۋۇلاشنى ئۆگەندى، بوش ۋاقىتلىرىدا ھاممىسىنىڭ پۇتىنى ئۇۋۇلاپ قويدى. تاغىسى، ھاممىسىنىڭ سالامەتلىكى بارا - بارا ياخشىلاندى، ئاشخانىنىڭ سودىسىمۇ روناق تاپتى.
تاجىگۈل توي قىلغاندا ئولتۇرىدىغانغا مۇۋاپىق ئۆي ئىجارە ئالالمىدى، لى خۇڭ ئىككىلەنمەيلا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تۇردى. 2019 - يىلى، تاجىگۈل ئائىلىسىنىڭ تونۇر كاۋىپى دۇكىنى تارماق دۇكان ئېچىشنى پىلانلىدى. «ئاچا، سىز مەھەللىدە خىزمەت قىلىسىز، ئەتراپتا قەيەردە ئادەم كۆپ، قەيەردە ئىجارىگە بېرىدىغان دۇكان بارلىقىنى بىلەمسىز؟» تاجىگۈل لى خۇڭنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورىدى، شۇنىڭدىن كېيىن، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، لى خۇڭ تاجىگۈلگە ھەمراھ بولۇپ ھەرقايسى يول بۆلەكلىرىدىكى دۇكانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تارماق دۇكاننىڭ تىجارەت باشلىشىغا چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.
2021 - يىلى، تاجىگۈل يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى، لى خۇڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىڭلىسىغا ھەمراھ بولۇپ چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ئارىلاپ ئۆي كۆرۈشۈپ بەردى، بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەملەشتى. «ئاچام يېنىمدا بولسا، مەن خاتىرجەم بولىمەن» دېدى تاجىگۈل.
بۈگۈنكى كۈندە، 27 ياشلىق تاجىگۈل ئىككى ئاشخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولدى، تاغىسى ئوچاق بېشىغا مەسئۇل بولدى، ھاممىسى مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇردى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغاچقا، سودىسى بارغانسېرى جانلاندى.
بوش ۋاقىتلىرىدا، تاجىگۈل بىلەن لى خۇڭ سىنلىق پاراڭلىشىپ، ئاشخانىدىكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا ھەمبەھرىلەپ تۇرىدۇ: «بۈگۈن شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەر تونۇر كاۋىپىمىزنى بەك يېيىشلىك ئىكەن دەپ ماختىدى، سىز ئۆگەتكەن (تەبەسسۇم مۇلازىمىتى) بەك ئەسقاتتى!»
تاجىگۈل مۇنداق دېدى: مەن لى خۇڭنىڭ ۋۇجۇدىدىن مۇھەببەت ۋە تۆھپە قوشۇشنى ھېس قىلدىم، مەن بۇ مۇھەببەتنى داۋاملىق يەتكۈزۈشنى ئويلايمەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىم ھاۋا ئەڭ سوغۇق ۋە ئەڭ ئىسسىق بولغان كۈنلەردە، تاجىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى ئۈچۈن «مېھىر - شەپقەت تامىقى» تەييارلىدى. تەۋەلىكتىكى يالغۇز تۇرىدىغان قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، تاجىگۈلمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى.
ئون نەچچە يىل ئارىلىشىش جەريانىدا، ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقى ئاللىقاچان قان تومۇرغا سىڭىشىپ كەتتى، بىر نەچچە كۈن لى خۇڭنى كۆرمىسە تاجىگۈل مەھەللىگە بېرىپ ئايلىنىپ باقىدۇ. لى خۇڭمۇ دائىم تاجىگۈلنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، مەھەللىدە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قانداق يېڭى سىياسەت چىقىرىلسىلا، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا تاجىگۈلگە ئېيتىدۇ.
«ئاچام ماڭا تۇرمۇشتا كۆپ ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە سودا قىلغاندا سەمىمىي بولۇش، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاشنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭ ياردىمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بولمىغان بولسا، مەن بەلكىم نۇرغۇن ئەگرى يوللارنى مېڭىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى.» تاجىگۈل مۇنداق دېدى: «مەن تەلەيسىز، كىچىكىمدىن ئاتا - ئانامدىن يېتىم قالغان، لېكىن يەنە تەلەيلىك، ھەر قېتىم تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان لى خۇڭ ئاچام بار».
باھار كېتىپ ياز كەلدى، ئۈرۈمچى ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تاجىگۈل ئائىلىسىنىڭ تونۇر كاۋىپى دۇكىنىمۇ تىجارەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. لى خۇڭ بوش ۋاقىتلىرىدا دۇكانغا بېرىپ ياردەملىشىدۇ، تاجىگۈل بىلەن بىللە بالىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ دوستلۇق ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.