تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

شىنجاڭنىڭ ياخشى مەھسۇلاتى | مورى نوقۇتى ___ ئوزۇقلۇق ساھەسىدىكى «ئالتە قىرلىق جەڭچى» مەيدانغا چىقتى

ئاڭلىسام بەدەن چېنىقتۇرۇش توپىدىكىلەر، قورساققا ئامراقلار، كۈتۈنۈش توپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تۈردىكى «ئالتۇن پۇرچاق»نى تالىشىۋېتىپتۇ، شۇنداقمۇ؟

شەكلى بۈركۈت تۇمشۇقىغا ئوخشايدىغان پۇرچاق ___

مورى نوقۇتى

 ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن

ساغلام ئوزۇقلىنىشتىكى تونۇشىڭىزنى يېڭىلايدۇ

 شەكىل-رەڭ جەھەتتە تەڭدىشى يوق «پۇرچاق شاھى» 

نوقۇت.     مەنبە: مورى نۆل ئارىلىق

نوقۇت ئادەتتە تاۋدوۋ (桃豆) دەپمۇ ئاتىلىدۇ

شەكلى بۈركۈت تۇمشۇقىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا

دۆلەت تىلىدا يىڭزۈيدوۋ «yīng zuǐ dòu 鹰嘴豆» دەپ ئاتالغان

بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا غەلىتە ھەم قاتتىق تەسىر بەرسىمۇ

ئەمەلىيەتتە ئۇ «ئاغزى ئىتتىك بولسىمۇ كۆڭلى ياخشى» بولۇپ

پىشۇرغاندىن كېيىن ياڭيۇ بوتقىسىغا ئوخشاش يۇمشاق، يېپىشقاق بولىدۇ

يەنە كاشتاندەك خۇش پۇرايدۇ

قۇرۇق نوقۇت تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى 21.2 گىرام/100 گىرامغا يېتىدۇ

نوقۇت تەركىبىدىكى ئاقسىل ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلغا تەۋە بولۇپ

ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئۇنىڭ ئۈستىگە نىسبىتى مۇۋاپىق، پايدىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى

ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇق نوقۇتنىڭ يېمەكلىك تالاسى 11.6 گرام/100 گىرامغا يېتىدۇ

يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

نوقۇت تەركىبىدىكى ياغ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى ئاساس قىلىدۇ

تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ياغ مېتابولىزمىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە

پەقەت زىيادە ئىستېمال قىلمىساقلا، قاندىكى ماينى كونتىرول قىلىشقا نىسبەتەن پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ

يىغىپ ئېيتقاندا، ئەگەر «ئېغىزىڭىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالسا»

نوقۇت ئۇششاق يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ

 «تىيانشان غەلىتە پۇرچىقى»نىڭ ئوزۇقلۇقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب 

نوقۇتنىڭ توق دان تۇتۇش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئىختىيارىي مۇخبىر زۇ رۇڭنيەن فوتوسى

مورى ناھىيەسىنىڭ ئەزەلدىن «جۇڭگو نوقۇت ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار

تېرىقچىلىق تارىخى ئۇزاق

بۇ يەر شىمالىي شىنجاڭدىكى مۆتىدىل بەلباغ چۆلىگە جايلاشقان 

روشەن قۇرغاق چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئىگە

ياز پەسلى قىسقا ھەم سالقىن بولۇپ، نوقۇتنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ

شۇ جايدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «تىيانشان غەلىتە پۇرچىقى» دەپ ئاتالغان بۇ كىچىك پۇرچاق 

مول ئوزۇقلۇق ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە تايىنىپ بازار تېپىپ

شۇ جايدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

مورى ناھىيەسى دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر نوقۇت سورتلۇق ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى بولۇپ قۇرۇلۇپ

كۆپ خىل ئەلا سۈپەتلىك سورت يېتىشتۈرۈپ

 نوقۇت تالقىنى، مەززىلىك چۈرۈك نوقۇت، نوقۇت پېچىنە-پىرەنىكى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازار تاپتى

 ھەقىقىي مورى نوقۇتىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز 

مورى نوقۇتى. مەنبە: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

شەكلى: بۈركۈت تۇمشۇقىنىڭ ئېگىلگەن ھالىتىگە ئوخشايدۇ، يۇپيۇمىلاق شەكىلدىكىسى ساختا مال

  رەڭگىنى پەرقلەندۈرۈش: كۈن نۇرى ئاستىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان ئۆزگىچە سۇس ئالتۇن رەڭ كۆرۈنىدۇ، بويالغان پۇرچاق سۇغا يولۇقسا رەڭگى ئۆچۈپ كېتىدۇ

قاتتىقلىق دەرىجىسى: تىيانشاننىڭ قار سۈيى ئوزۇقلاندۇرغان پۇرچاقنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، يەرگە چۈشكەندە ئالتۇن-كۈمۈشلەر يەرگە چۈشكەندەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ

پۇرىقى ۋە تەمى: ئىلمان سۇغا چىلىغاندىن كېيىن كاشتاننىڭ سۇس تاتلىق ھىدىغا ئوخشاش پۇراق تارقىلىدۇ، تەمى قىرتاق ئەمەس

—————

قۇم-بوراننى ھالقىپ ئۆتكەن بۇ «ئالتۇن پۇرچاق»

 چۆلدىكى شامالنى، تىيانشاندىكى قارنى يېقىشلىق تەمگە

 يىللارنى ساغلاملىق ھەدىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ

 تەم سەزگۈسىدە تۇپراقنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھارىنى چۈشىنىش

ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەبىئەت بېغىشلىغان ھاياتلىق كۈچىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ

نازارەت قىلغۇچى: دىڭ تاۋ

پىلانلىغۇچى: لولىڭ

مەزمۇننى تەييارلىغۇچى: فەن گوبىن

ئېلاننى لايىھىلىگۈچى: شى رۇي

ماتېرىيال مەنبەسى: خەلق گېزىتى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، ئانار بۇلۇت ئابونچىلار تېرمىنالى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مورى نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.