تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاسىيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى: لى يەن ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، جۇڭگو كوماندىسى 31 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېجياڭ جياڭشەن، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار يۈ سىخۇي، شيا لياڭ) 2025-يىللىق ئاسىيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى جېجياڭ جياڭشەندە ئاخىرلاشتى. لى يەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇسابىقە كۈنىدە ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو كوماندىسى 31 ئالتۇن مېدال، 15 كۈمۈش مېدال، 11 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، بۇ قېتىمقى مۇساپىنى ئاخىرلاشتۇردى.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئومۇمىي نەتىجىدە چېمپىيون بولغان جۇڭگو ماھىرى لى يەن (ئوتتۇرىدا)، ئىككىنچى بولغان كورېيە ماھىرى پياۋ خۇيجېڭ (سولدا) ۋە ئۈچىنچى بولغان كورېيە ماھىرى سۈن يۇڭشى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

   ئاياللارنىڭ 87 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە، ئىلگىرى خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كورېيە ماھىرى پياۋ خۇيجېڭ قاتارلىق ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتناشتى، جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى لى يەننى ئەۋەتتى. «كۆپچىلىكنىڭ نەتىجىسى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن مەن ئۆزەمنى ئۇلاردىن تېخىمۇ قالتىس ھېس قىلدىم» دېدى لى يەن.

   لى يەننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئەمەلىي كۈچ ئۈستىگە قۇرۇلغانىدى. دەس كۆتۈرۈش باسقۇچىدا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا مەيدانغا چىقتى، تۇنجى قېتىملىق سىناق كۆتۈرۈشتىلا ئۇنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېنىق بولغانىدى. ئۇنىڭ دەس كۆتۈرۈش نەتىجىسى 140 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئىككىنچى بولغان پياۋ خۇيجېڭدىن 15 كىلوگىرام ئېشىپ كەتتى. پياۋ خۇيجېڭنىڭ سەپدىشى سۈن يۇڭشى دەس كۆتۈرۈشتە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو ماھىرى لى يەن دەس كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە. ئاخىرىدا ئۇ دەس كۆتۈرۈش، مەيدىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش، ئومۇمىي نەتىجە قاتارلىق ئۈچ تۈردە چىمپيۇن بولدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

   مەيدىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە لى يەن ئۇدا 162 كىلوگىرام ۋە 170 كىلوگىرامنى كۆتۈرۈپ، ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا 3-قېتىملىق سىناق كۆتۈرۈشتىن ۋاز كەچتى، ئومۇمىي نەتىجىسى 310 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. پياۋ خۇيجېڭ مەيدىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش كۆتۈرۈش تۈرىدە مىس مېدالغا، ئومۇمىي نەتىجە بويىچە كۈمۈش مېدالغا، سۈن يۇڭشى مەيدىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا، ئومۇمىي نەتىجە بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

   ئەرلەرنىڭ 109 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلىرى قاتناشمىدى، كورېيە ماھىرى خۇاڭ يۈۋەن 196 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن دەس كۆتۈرۈشتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، ئىران ماھىرى شېرىف كىلارىجانى 227 كىلوگىراملىق ۋە 422 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن دەس كۆتۈرۈش ۋە ئومۇمىي نەتىجە بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

   2025-يىللىق ئاسىيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى جەمئىي 31 ئالتۇن مېدال، 15 كۈمۈش مېدال، 11 مىس مېدالغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.