گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يې جىمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاق مۇددەت سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشىنى تېزلىتىپ، بۆرەك توقۇلمىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئايرىم تەكشۈرتۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ھەم سۈيدۈك كىسلاتاسىنى قاتتىق تىزگىنلەش بۆرەكنى قوغداشتىكى ئۈچ مۇداپىئە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى قان كېسىلى بار كىشىلەر توپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى كىشىلەرنىڭ بۆرەك ساغلاملىقىغا تەھدىت سالماقتا.
يې جىمىڭ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككى خىل تۈرگە ئايرىلىدۇ. جىددىي يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئۆسمە ياكى قاننى پاتولوگىيەلىك داۋالىغاندىن كېيىن كۆپ كۆرۈلىدۇ، ھۈجەيرە كۆپ مىقداردا نېكروزلىنىش سەۋەبىدىن سۈيدۈك كىسلاتاسى شىددەت بىلەن ئېشىپ، بۆرەك نەيچىسىنى توسۇۋالىدۇ، ئىپادىسى تۇيۇقسىز ئاز سىيىش، سۈيدۈك بولماسلىق، ھەتتا جىددىي خاراكتېرلىك سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بولىدۇ. سوزۇلما يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش قان كېسىلى بۆرەكنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشى ۋە ئوكسىدلىنىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇر ۋە ئارىلىق ماددا تالالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە سۈيدۈك كىسلاتاسىدىن تاش پەيدا بولۇپ سۈيدۈك يولىنى توسۇۋالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«نۆۋەتتە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قوزغىلىش يېشى كۆرۈنەرلىك ئالدىغا سۈرۈلۈپ، 20 نەچچە ياشلىق ئاغرىقلارنىڭ سانىمۇ ئاشماقتا.» يې جىمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنىڭ ياشلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولماقتا، 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر توپى ھەم ئىرسىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، يۇقىرى پۇرىنلىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بارلارنىڭ گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى، دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق مېتابولىزم كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ كەلگەندە خەۋپ-خەتىرى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
ئەنئەنىۋى داۋالاشتا تۆۋەن پۇرىنلىق يېمەك-ئىچمەك، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دورىسى ۋە سۈيدۈكنى ئىشقارلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىلىدۇ، لېكىن قىسمەن ئاغرىقلار ئۇزاق مۇددەت سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەچكە، ئەكسىچە بۆرىكىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئاغرىقلارنىڭ كۈندىلىك پەرۋىشىگە قارىتا، يې جىمىڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: ھەرىكەتتىن كېيىن ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم، سۈيدۈكنىڭ قويۇقلىشىپ سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى تېزلىتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئاممىغا قەنت مىقدارى يۇقىرى ئىچىملىك، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ۋە يۇقىرى پۇرىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئسىتېمال قىلىشنى ئەسكەرتتى.